تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

يالغاندىن پالەچ قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سىرتتا ئىتىنى ئايلاندۇرۇپ ئاشكارىلىنىپ قېلىش! سىرتتا كېپىلگە قويۇپ بېرىشنى ئالداپ قولغا كەلتۈرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئەر تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىندى

   ئادەتتە كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغانلىقى ھەم تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈرگەن مەھەللىدە تۈزەش ئوبيېكتى بىر ئۆرۈلۈپلا چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىپ، ئىتىنى ئايلاندۇرۇپ كېلەلەيدىغان بولدى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئەر كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ تۈرمە سىرتىدا كېپىلگە قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرگەن، نەچچە ئاي ساختا قىياپەتتە يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى پاش بولۇپ قالغان، ھازىر قانۇن بويىچە تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

   ۋەقەگە چېتىشلىق ئەر شۈ X بۇنىڭدىن بۇرۇن زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

   ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئېغىر نېرۋا سىستېمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، سول، ئوڭ تەرەپتىكى پۇت-قولى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پالەچ بولۇپ قالغانلىقى، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جازانى تۈرمە سىرتىدا ۋاقىتلىق ئىجارا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق مەھەللىدە تۈزەش ئاپپاراتىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرغان.

   2024 ـ يىلى 2 ـ ئايدىن باشلاپ، شۈ X  ئۆزى تۇرۇشلۇق مىدۇڭ رايونىدا مەھەللىدە تۈزەشنى قوبۇل قىلغان، شۇ جايدىكى قاراشلىق ئەدلىيە ئورنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغان.

  نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، شۈ X سالامەتلىك ئەھۋالى، ئولتۇراقلىشىش ئۇچۇرىنى قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم كېسەللىك ئەھۋالى ئەسلىگە كەلسە چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   مەھەللىدە تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە دائىم بېرىپ، ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قايتا-قايتا ئۇقتۇرغان، لېكىن، شۈ X تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى قەستەن يوشۇرغان.

   كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش داۋامىدا، خىزمەتچى خادىملار يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئادەتتە پالەچ بولۇپ كارىۋاتتا يېتىپ قالغان شۈXنىڭ ئادەم يوق يەردە چاقلىق ئورۇندۇقنى ئۆزى ئىتتىرىپ ماڭالايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئولتۇراق رايوندا ئۆزى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، بەزىدە ئىتىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرىدىغانلىقىنى، ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئالامەتلىرى يوقلۇقىنى بايقىغان.

   ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار سىجىل نۇقتىدا تۇرۇپ ئىسپات ئېلىپ، قوشنىلارنى زىيارەت قىلىپ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ بىرلەشمە دىياگنوز قويغان. كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، شۈ Xنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئاتالمىش پالەچ بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ھالەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە تېببىي تەكشۈرۈشتە نەتىجىگە قەستەن توسالغۇلۇق قىلىپ، داۋاملىق كېسەل ھالەتتىكى ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

   تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە شۈ Xنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى ساختا مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى، كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى بايقالغان.

   مۇكەممەل بولغان دەلىل-ئىسپات زەنجىرىنى بېكىتكەندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇن بويىچە تۈرمىگە قاماش تەرتىپىنى قوزغىتىپ، ئەسلىدىكى سوتلىغان سوت مەھكىمىسىگە تۈرمىگە قاماش تەكلىپىنى سۇنغان. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مىدۇڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، مەھەللە كادىرلىرى، مەھەللىدە تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ، دېلو ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، شۈ Xنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

   8-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، شۈ Xنى قانۇن بويىچە تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئېشىپ قالغان جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلغان. شۈ Xنىڭ ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇپ ھىسابلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

   بۇ بىر مەيدان كۆڭۈل قويۇپ رول ئالغان يالغاندىن پالەچ قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئويۇنى كەسكىن ھالدا تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن ئاياغلاشقان.

مەنبە: ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىر: ۋېي خۇڭپىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.