− ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنچە، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ماركسىزملىق «بەش قاراش»تا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز.
كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەش
«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تەپسىلىي، ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار، ئەمەلىي ئىسپاتلارغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات تومۇرىغا نەزەر سېلىنغان، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋردىن يېڭى دەۋرگىچە بولغان تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنىڭ مۇكەممەل مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەنگەن، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان - قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقانلىقى كۈچلۈك دەلىللەنگەن بولۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.
«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>دا تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن ئىلمىي نەتىجىلەر يۇغۇرۇلغان، ئومۇمىي تارىخ ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى ۋە دىنلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەنگەن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا پائال رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرىدۇ.» شىنجاڭ داشۆ تارىخ شۆيۈەنى (جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى شۆيۈەنى)نىڭ مۇدىرى ۋۇ يىچۈن مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا پۇختا تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق تونۇش جەھەتتىكى خاتا قاراشلار تۈزىتىلىپ، ئەتراپلىق، پۇختا ئىلمىي قائىدە ئارقىلىق ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۈچلۈك دەلىللەندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى ھەم شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ۋە كەڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەۋقەنى تارىخىي پاكىتقا قويۇش، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرىدۇ.
تارىخنى بىلگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى گو يىڭ مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىي ئومۇمىي قىياپىتى قانداق» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخىنىڭ مۇكەممەل تومۇرى نېمە» قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەنزىرە سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي تومۇرى ئېنىق نامايان قىلىنغان.
تارىخىي ماتېرىياللارنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوزۇققا ئايلاندۇرىمىز
تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش، تارىخنى چۈشەنگەندىلا قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلىغىلى بولىدۇ. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىيات، تەدرىجىي ئۆزگىرىش جانلىق بايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ» دېگەن تارىخىي لوگىكىنى يەنىمۇ ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بەي جېڭيى مۇنداق دېدى: تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسخانىدىكى مول، جانلىق ئوقۇتۇش بايلىقى. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوزۇققا ئايلاندۇرۇپ، تارىخىي پاكىتلارنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق سۆزلەپ، ياشلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخىي لوگىكىسىنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن.
ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. قەشقەر داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايسانە خامان مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. تارىخقا نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بۇ تۇپراقنى ئېچىپ، يۇرت - ماكانىنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن؛ ھازىرغا نەزەر سالساق، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باستى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. بۇ شۇنى تولۇق دەلىللىدىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ - خاتىرجەملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى.
تارىخنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز
تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي بازا، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نى ئۆگىنىشتە ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، بىلىم ئېلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شۆيۈەنى چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. سانجى شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى رەن جىنسەي مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، مەكتىپىمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، تارىخ تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي يادىكارلىقلارغا، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە سىجىل تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ھېس قىلىش، مەنپەئەتلىنىش، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى دەرسلىكنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىغا ئورگانىك يۇغۇرۇپ، كەسپىي دەرسخانا، ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى دەل جايىدا، ئېنىق سۆزلەپ، بىلىم يەتكۈزۈش ۋە قىممەت جەھەتتە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز.
«<شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى>نى ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئەمەلىي قوللىنىشچان خىمىيە سانائىتى تېخنىكىسى كەسپىنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۈل تايىر پىراكتىكا مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شەخسىي غايەمنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، پۇختا كەسپىي ماھارەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.






