□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
تىيانشاندا ئىجادىي تەرەققىيات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئەقلىي ياسىمىچىلىق يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. شىنجاڭدا ياسالغان «جۇڭگو شىنپيەنى» ئورنىتىلغان پاختا يىغىش ماشىنىسى دۇنيا بازىرىغا تۈرتكە بولدى، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق ئىشلىتىلگەن «دەرىجىدىن تاشقىرى توكدان» ماكانلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا كۆلەملىك ئۈنۈمدە ئېچىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تۈرلۈك ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق كەسىپ ئەمەلىيىتى شۇنى جانلىق ئىسپاتلىدىكى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا جۇشقۇن قۇۋۋەت قوشماقتا.
ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئۆزگىچە، ئەمما بايلىق ئەۋزەللىكى ئۆزلۈكىدىن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنالمايدۇ. پەقەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېڭىلاش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن بايلىقتىن كەسىپكىچە، مەھسۇلاتتىن قىممەتكىچە بولغان يۈكسىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق قېزىلىپ يېڭى رېكورت يارىتىلدى... بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر بىزنى شۇنداق ئىلھاملاندۇرىدۇكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئەڭ چوڭ كۆپەيمە مىقدارى»غا ئايلاندۇرۇش ھەم شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى دەۋر بۇرچى.
ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق كەسىپ ئەندىزىسىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتىكى تۈپ يول. ئىلگىرى، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى كۆپىنچە نوقۇل ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەندىزىدە توختاپ قالغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە ھەمبەھرە ياسىمىچىلىق سۇپىسى زور مۈلۈك توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ساقلانما ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتتى. ئۈرۈمچى جابدۇق ياسىمىچىلىقى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى ھەمبەھرە ياسىمىچىلىق مەركىزى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ سانجىدىكى 100 مېتىرلىق شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە كۆپ نەپەر ئاكادېمىكقا تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن ئارىلىق سىناق ئارقىلىق ئايلاندۇرۇشقىچە بولغان زەنجىر راۋانلاشتۇرۇلدى... بۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئاپتوماتلىشىش نىسبىتىنىڭ رەقەمدە دەرىجە ئۆسۈش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش شەكلى، كەسىپ ھەمكارلىقى ئەندىزىسىدىكى سىستېمىلىق ئىسلاھات. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىگە تۈرتكە بولۇپ، سۇپىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، توپلاشتۇرۇشقا قاراپ قەدەم ئالماقتا.
ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. جاپالىق تەبىئىي شارائىت ئالدىدا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساھە «ئېچىش چەكلەنگەن رايون» دەپ قارالغانىدى. جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، يەر ئاستى 4000 مېتىردا ساقلانغان، قېلىنلىقى ئاران بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان زاپاس ساقلانغان قاتلامغا قارىتا، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تايىنىپ پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، بۇرغىلاپ ماي ئېلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، مىليون توننا دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق ئېقىمى ئىشلىتىلگەن ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى چۆلدە يىلتىز تارتىپ، يېتەرلىك شامال، يورۇقلۇق بايلىقى مۇقىم، ئىشەنچلىك پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلدى. يەر ئاستى تاش قاتلىمىدىن قۇملۇق، چۆللۈككىچە، بۇلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كەمتۈكلۈكلەرگە يوشۇرۇن كۈچ يوشۇرۇنغان، قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدا پۇرسەت بار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قارىماققا پايدىسىز كۆرۈنىدىغان ئوبيېكتىپ شارائىتنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق شىنجاڭنىڭ يول تۈگۈنىدىن كەسىپ ئېگىزلىكىگە تېز سۈرئەتتە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. رايون ئورنى ئەۋزەللىكى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە باراۋەر ئەمەس، غەربكە ئېچىۋېتىشتە پەقەت «ئۆتەڭ ئىقتىسادى» بىلەنلا شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى ئەقلىي ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى قەشقەردە ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پورتنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئەتراپقا يۈزلەنگەن ئېكسپورت بازىسى بەرپا قىلدى؛ شىخو شەھىرى ئىشلەپچىقارغان پاختا يىغىش ماشىنىسىدىكى يادرولۇق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەھسۇلات كۆپ دۆلەتكە سېتىلدى. شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى، يېڭىلىق مىقدارى، يېشىللىق تەركىبى سىجىل ئېشىپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. بۇ، بىزنى شۇنداق ئىلھاملاندۇرىدۇكى، رايون ئورنى شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئۆز جايىدا زەنجىر بەرپا قىلىپ، ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ، يول ئەۋزەللىكىنى كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش پايدىسىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشتا.
تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئارقىسىدا مەنىۋى كۈچنىڭ تىرەك بولۇشى بار. بارلىق قاتتىق يادرولۇق نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل سىناق قىلىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش جۇشقۇن روھىدىن كەلگەن. تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي قايتا - قايتا سىناق قىلدى، نېفىت ئىشچىلىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قۇدۇق بۇرغىلاش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى ھالقىشى چوڭ لىنىيەدە ئادەمسىز ئۇچقۇدا ئۆز ئالدىغا چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 0دىن 1گىچە بولغان بۆسۈش ھاسىل قىلىش، 1دىن Nغىچە بولغان كېڭەيتىشتە ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىشتەك چىدامچانلىققا، دادىل باشلامچى بولۇشتەك غەيرەتكە تايىنىلدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كارخانا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەر ئورتاق تىرىشىپ ياراتقان ئىش. ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمەلىي ئىشلەشلا ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئۇلى.
«15 - بەش يىل» يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىپ كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش دەۋر شىنجاڭغا يۈكلىگەن مۇھىم تېما. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشقىلى بولىدۇ.






