− تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ خۇڭيىڭ
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابتا مەۋقە نوپۇزلۇق تارىخىي ماتېرىياللار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ئىسپاتلارغا قويۇلۇپ، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىي ئىزلىرى ۋە تومۇرى نامايان قىلىندى. بۇ بىپايان تۇپراق يىپەك يولىدىكى سەييارە سودىگەرلەرنىڭ بېرىش - كېلىش قىلىشىغا گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا كۆپ خىل دىن توپلانغان بولۇپ، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا مىڭ يىلدىن ئاشتى.
كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ تارىخىي تەدرىجىي ئۆزگىرىشى
شىنجاڭ رايونىدا كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۇزاق بىر تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.
شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن ئومۇمىي تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، كىرىش سۆزنىڭ باش قىسمىدىلا «بىر خىل ياكى ئىككى خىل دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىدىكى تارىخىي ئالاھىدىلىك، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋردە، شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. كېيىنكى مىڭ يىلدا ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، نېستورىيان دىنى، مانى دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلغان، توپلانغان بۇ جايغا تارقالغان. مەيلى دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەندىزە بولسۇن ياكى كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەندىزە بولسۇن، تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، شىنجاڭدا ھەم بىرلا خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت مەۋجۇت ئەمەس، ھەم دىنىي ئېتىقادى ئۆزگەرمىگەن مىللەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قوچۇ خۇيخۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگىچە، تارىختىكى داۋجياۋ دىنى ئىبادەتخانىلىرىدىن يېقىنقى زاماندىكى چېركاۋ خارابىسىگىچە... تارىخ پولاتتەك ئىسپات بولىدۇكى، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىنلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى.
«ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋردە، شىنجاڭدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دىنلاردا ئۆزگىرىش بولغان، لېكىن شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرمىگەن.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تارىخىدا مەيلى يەرلىك دىن بولسۇن ياكى سىرتتىن كىرگەن دىن بولسۇن، ھەممىسى باشتىن - ئاخىر ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت ئەزەلدىن قۇرۇلۇپ باقمىغان.
ئۇزاق تارىخقا نەزەر سالساق، مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە ئىدارە قىلىشىدا، ھەرقايسى دىنلار شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ماسلىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاساسىدىن ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سىڭىشىش
تارىخىي پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىرتتىن كىرگەن تۈرلۈك دىنلار شىنجاڭغا تارقالغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ جەمئىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگوچىلىشىش مۇساپىسىنى باشلىغان.
دامىكۇ كىچىك بۇددا ئىبادەتخانىسى شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە سېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى ئەنئەنىۋى ئىمارەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ماس كېلىدۇ؛ مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىكى چوڭ بۇددا سارىيىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبى بار، بۇتلارنىڭ «ئىنچىكە قېشى، سوزۇنچاق يۈزى، يۇمىلاق كۆزى» ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ ئۈرۈمچىدىكى شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىمارەت شەكلى جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىمارەت ئۇسلۇبىدا بولۇپ، خىش ۋە ياغاچ ئويمىلارغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ئىگە گۈل - گىياھ، مېۋە قاتارلىقلارنىڭ نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن.
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگودىكى ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ خىللىق ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن.
بۈگۈنكى قىزىل مىڭئۆيگە كىرگەندە، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تام رەسىملىرى بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىش جەريانىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۇچرىشىشىنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ 38 - غارىدا نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان بىر گۇرۇپپا «ئەرشتىكى سازەندىلەر رەسىمى» ساقلانغان بولۇپ، رەسىمدە غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پىپا ۋە غوڭقا، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن نەي ۋە تىزما نەي بار ھەمدە يەرلىك خاسلىققا ئىگە بىلى بار. پۈتكۈل قىزىل مىڭئۆي ھەم غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھەم ھىندىستان، يۇنان - رىم، پارس(ھازىرقى ئىران)نىڭ سەنئەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزگىچە كۈسەن بۇددا دىنى سەنئىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا بۇددا دىنى سەنئىتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«شىنجاڭنىڭ كۆپ خىللىق يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت مىراسلىرى چوڭقۇر تارىخىي ئىلھامنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىجۈەن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭدا مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قوينىدا راۋاجلىنىپ كەلگەن، ھەرقايسى دىنلار باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلانغاندىلا، ئاندىن ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
مىڭ يىللىق سىغدۇرۇشچان بولۇش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇش
ۋاقىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش شىنجاڭدا ئوخشاشلا جانلىق ئەمەلىيەتكە ئىگە.
2015 - يىلى گۇمىدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دىن ساھەسى پائال تۈردە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى؛ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىشكە پائال قاتنىشىپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى... بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىخىي ئەندىزىنىڭ داۋاملىشىشىدا تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر بار.
تارىخىي پاكىت دىننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشتىكى تارىخىي تەجرىبە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېن خۇڭ مۇنداق دېدى: «تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن دىنلارنىڭ رايىشلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.»






