—— تارىخىي قانۇنىيەتتىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە نەزەر
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىشىنى روشەن ئالاھىدىلىك قىلغان. تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىغا نەزەر سالساق، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى، قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان، ئېتىقادى ئوخشاش بولغان، مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىشكەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ مۇجەسسەملەندى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشىدىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ھالقىشقىچە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى، زىچ باغلاندى.
ئۇزاق داۋاملاشقان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يولىنى ئەسلەپ ئۆتۈش شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم دەۋر قىممىتىگە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر شىنجاڭ رايونىنى دۆلەتنىڭ بۈيۈك بىردەكلىك ئەندىزىسىگە قويۇپ ئىدارە قىلدى
تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر ئىلھام. شىنجاڭ تارىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ئۇيۇشۇش تارىخى، شىنجاڭنىڭ ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، بىردەممۇ ئايرىلالماسلىق تارىخى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلى خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ جاسارىتى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى، كاڭشى، چيەنلۇڭ زامانىسىدىكى گۈللىنىش ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجە.
«گەرچە تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاشقان، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە قويۇق، بەزىدە سۇس بولغان، مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر سۇلالىنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: «غەربىي يۇرتنىڭ ئەھۋالى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا قاراپ ماڭغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى.»
2000 يىلدىن ئارتۇق شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇرۇپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى جۇغلىدى. تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ مۇقىم، خاتىرجەم بولسا، دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، گۈللىنىدۇ، جەزمەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى باشتىن - ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
ھازىرقى زامان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىختىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە يۈكسىلىشى
شىنجاڭنى قانداق ئىدارە قىلىش قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلە. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەدبىرلىرىدىمۇ دەۋر چەكلىمىسى مەۋجۇت بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشى بەزىدە كۈچلۈك، بەزىدە ئاجىز بولغان، ئىدارە قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى يېتەرلىك بولمىغان، بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى، قوللىشىدا، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىمۇ پات - پات يۈزبېرىپ تۇرغان. تارىخ جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئالغۇچىلارنى چاقىرماقتا، بۇ شەرەپلىك بۇرچ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.
«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا خەلق ھاكىمىيىتى ئورنىتىلىپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش تاماملاندى، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە مەزمۇت قەدەم قويدى.»
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەد كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولدى. نامرات، ئارقىدا قالغان قىياپەتنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شەمشەرنى ساپان قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى چېگرا رايوننى قەلبىگە پۈكۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. «چۆل - باياۋاندا يېڭى دۇنيا ئېچىلدى»، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، بىر سەكرەپلا مىڭ يىلنى ھالقىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق، ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بەردى، بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تەپەككۇرى مۇجەسسەملەنگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى ۋە سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى» دېدى گۇ خۇاشياڭ.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش
بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى.
70 يىل ئىلگىرى، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان چېگرا رايون تۇپرىقىدا ئارقىدا قېلىشتىن تەرەققىي قىلىشقا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ مۇساپە باشلاندى.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.
«ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن دانا، توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلدۈردى تيەن ۋېيجياڭ.
مۇۋەپپەقىيەتلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. شىنجاڭدىكى 70 يىللىق تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەجرىبە ئىلھامىنى ئەستايىدىل ياخشى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك −
شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛
جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۇ مۇھىم نۇقتىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ بۇ ئاساسىي لىنىيەسىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ۋەزىپە تەلىپىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛
شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچنىڭ پارتىيەدە ئىكەنلىكىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك...
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مۇقەررەر ئۇلۇغ كۈچنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىشىگە، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ شانلىق ۋە پارلاق بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.






