تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى

​− شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ بېي

مەيلى مەكتەپنىڭ تارىخ دەرسلىكىدە بولسۇن، ياكى كەسپىي تارىخ تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بولسۇن، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختالغاندا، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان» دېگەن مەزمۇن ھەممىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابتا، بەلگە خاراكتېرلىك بۇ تارىخىي ۋەقە كىتابنىڭ بىرىنچى بابى «دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى: شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى (چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىن چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە)»دا تەپسىلىي نامايان قىلىنغان. بۇ كىتابنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم بۇ تارىخىي پاكىتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېشىپ چۈشەندۈردى ۋە ئىزاھلاپ بايان قىلدى.

شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىشقا ئاشقان تارىخىي مۇقەررەرلىك

«غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى تارىخىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىشقا ئاشقان مۇقەررەر نەتىجە.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ خىزمىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مەي يۈخۇا بۇ تارىخىي ۋەقە ئۈستىدە توختالغاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇ جۇڭگو تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر چوڭ ئىش بولۇپ، غەربىي يۇرتنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەركىزىي سۇلالىنىڭ باشقۇرۇشىغا رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل زىچ ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەرقايسى جەھەتلەردە، غەربىي يۇرتنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولۇش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى، بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.»

مەيلى قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۈنسىز بايانلىرىنى ئاڭلاش بولسۇن، ياكى قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى تۈرىدىكى بۇ ئەسەرنى ۋاراقلاپ كۆرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە مەي يۈخۇا ئېيتقان «شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىشقا ئاشقان»لىقتىن ئىبارەت تارىخىي تومۇرنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىش»نى تۈگۈن قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرسەك، تۇڭتيەندۇڭدىكى كۆمۈرلەشكەن تېرىق دانىچىلىرىدىن فۇخاۋ قەبرىسىدىكى خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرىغىچە، يەنە جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخىي خاتىرىلەرگىچە، ھەممىسى غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىكى، بارغانسېرى قويۇقلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنى تۈگۈن قىلىپ، كېيىنكى دەۋردىكى نەچچە مىڭ يىلغا نەزەر سالساق، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە فېئودال سۇلالىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ياراتقان. شۇنىڭدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر سۇلالە غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، بۇ رايوننى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن.

بۇ چاغدا نەزەرىمىزنى بۇ تارىخىي تۈگۈنگە ئاغدۇرساق، بۇ تارىخىي كىتابتا خۇلاسىلەنگەن «خەن سۇلالىسىنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن، <بۈيۈك بىردەكلىك> ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلانغانلىقى، مەيلى مۇھىت قانچىلىك مۇرەككەپ، ۋەزىيەت قانچىلىك خەتەرلىك بولسۇن، غەربىي يۇرت <ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى>نىڭ قىسقا مەزگىللىك ئىكەنلىكى ھەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقى، <ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش>نىڭ تارىخنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، ئاساسىي تومۇرى ئىكەنلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تاللىشى ئىكەنلىكى»نى تېخىمۇ چۈشىنەلەيمىز.

يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىشىشىدىكى تۈپ ئالدىنقى شەرت

«ئەلچىلەر دائىم كېلىپ تۇرىدۇ، سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ»، بۇنىڭدا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىز شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدىكى بۇ كۆۋرۈكتىن تەسىراتقا ئىگە بولغىنىمىزدا، مۇقەررەر يىپەك يولىنىڭ قانداق ئاۋاتلاشقانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگىمىز كېلىدۇ.

«ئەگەر خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەن بولسا، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۇزاققىچە مۇقىم باشقۇرۇشى ۋە ئىدارە قىلىشى بولمىغان بولسا، بەلكىم يىپەك يولى تارىختا مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى يۈەنبىن بۇ تېما ئۈستىدە توختالغاندا مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: «خۇددى <1 مىليون> دېگەن سانغا ئوخشاش، ئەگەر ئالدىدىكى <1> دېگەن سان بولمىسا، كەينىدىكى بارلىق <0>نىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى.»

قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش، گۈللىنىشنىڭ ھەممىسى مۇقىملىق بىلەن زىچ باغلانغان. بۇ تارىخىي كىتابتىكى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى رەسمىي باشقۇرۇشتىن ئىلگىرى، گەرچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئارىسىدا سودا ئالاقىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن غەربىي يۇرتتىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، تالاش - تارتىش تۈپەيلىدىن، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم ئالاقىسىنى شەكىللەندۈرۈش قىيىن بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان، بۇنىڭ بىلەن شەرق بىلەن غەربتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەلچىلەر بېرىش - كېلىش قىلغان، سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات يىپەك يولىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى لى يۈەنبىن.

كېيىنكى دەۋرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن سىياسىي ئەقىل - پاراسەت

يېقىندا، بۇ تارىخىي كىتاب بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، باش مۇھەررىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېيجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «<جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى>نى تۈزۈشتە باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تارىخىي كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇلۇپ يەنىمۇ كۆزىتىلدى ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى.» بىز مەۋقەنى مۇشۇنداق ئەندىزىسى كەڭ تارىخىي نۇقتىغا قويۇپ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلھام ئالىمىز.

تارىخىي كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى»نىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش بىلەن بىللە، «خەن سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن چياڭلار مۆتىۋىرىگە بەرگەن» مىس مۆھۈر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇ جايدىكى مەلۇم چياڭلار قەبىلىسىنىڭ مۆتىۋىرىگە بەرگەن ھۆكۈمەت مۆھۈرى. «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئالدى بىلەن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.» لى يۈەنبىن بۇ ھەقتە مۇنداق بىلدۈردى: «يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن ئۆرنەك يارىتىپ بەردى، يەنى بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە ھاكىمىيەت ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللىنىش جۇڭگونىڭ <ئۆرپ - ئادەت بويىچە ئىدارە قىلىش>تىن ئىبارەت سىياسىي ئەقىل - پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.»

بۇ سىياسىي ئەقىل - پاراسەت «چوڭ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىنتىلىش، كىچىك پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش» «ئىناق بىللە ئۆتۈش ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاساسىنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئۇل قاتلاملىق لوگىكىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

چىن، خەن سۇلالىلىرى مەزگىلىدىكى تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن «غەربىي يۇرت»تىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «ئۆز زېمىنىنى يېڭىدىن قايتۇرۇۋېلىش» دېگەن مەنىدە «شىنجاڭ» دەپ نام بېرىشكىچە، خۇددى لى يۈەنبىن ئېيتقاندەك، خەنزۇچە يېزىقنى قوللىنىش بۇ تۇپراقتا ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەم بۇ تۇپراقنىڭ نامىنى باشتىن - ئاخىر ئېنىق خاتىرىلەپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.