تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خوشلىشىش ۋە يەنە قايتىپ كېلىش  60 ياشلىق ئۇ يەنە دەرس مۇنبىرىگە چىقتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ

   «قايسى ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرستە ئالاھىتەن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ كېلىدۇ-ھە!». بۇ بىر نەچچە كۈندە، 60 ياشلىق چيەن دايى ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇر تارقاتقان بۇ قىسقا سىننى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولۇپ، بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئادەتتە ئەركىن-ئازادە كىيىنىدىغان، مۇلايىم، خۇشچىراي بۇ ئوقۇتقۇچى شۇ كۈنى ئالايىتەن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەنە قايتىپ كەلدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ياشانغان ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى بىلەن، ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتىپ كەلدى.

   2020-يىلى 10-ئايدا، چيەن دايى 10-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىدىن ئىلى سىفەن داشۆسىگە كېلىپ، خىمىيە ۋە مۇھىت ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. ئەينى چاغدا مۇھىت ئىلمى، مۇھىت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىدى. چيەن دايى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككى مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىك ماس قەدەملىك ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى مەكتەپنىڭ ئارىلىقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، ۋاقىت پەرقى بار ئىدى، ئالدى بىلەن دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ كۆپ قېتىم ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قايتا-قايتا ماسلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينى «ئوخشاش بىر ۋاقىت»قا تەڭشىدى.

   ئۈچ يىلدا، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 داڭلىق مۇتەخەسسىس بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈپ، بەش يادرولۇق دەرستە «بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى. مۇتەخەسسىسلەر ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىدىن خالىس ھەمبەھرىلەپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىنى چېگرا رايون دەرسخانىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈپلا قالماي، شۇ مەكتەپتىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تېز ئۆسۈپ يېتىلدۈردى.

   چيەن دايى مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى پەن تەتقىقات خىراجىتىنى توغرا لىنىيەلىك ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلى سىفەن داشۆسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆمەك باشلاپ شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەسىپ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.

   2022-يىلى ئۇ باش بولۇپ ئىلتىماس قىلغان بىر تۈر__ شاخ-شۇمبىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس تۈر پىلانىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىپ، 17 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجرىتىلىپ، مەكتەپتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئىككى مۇھىم» تۈر بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

چيەن دايى بۇ يىل 8-ئايدا قورغاس ناھىيە شاخ-شۇمبىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش تۈرىنىڭ سىناق قۇرۇلمىسى نەق مەيدانىدا.   سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن 

   «پەن تەتقىقاتنى قەغەز يۈزىدىلا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك» دېدى ئۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بىر قانچە يىلدا، ئۇ ھەر دەرىجىدىكى 10 نەچچە تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلدى، 50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، ئىككى تۈردە كەشپىيات پاتېنىتىغا ئېرىشتى.

   چيەن دايى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى قاتارلىق پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى. 2023-يىلى باھار بايرىمىدىن كېيىن، تۈر ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانىدى، ئۇ بېيجىڭدىن غۇلجىغا ئۇچۇپ كېلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپ يۈك-تاقلىرىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپلا ئۇدۇل يىغىن زالىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ ئىلتىماسنى خەتمۇ خەت، جۈملىمۇ جۈملە تۈزىتىپ پىششىقلىدى.

   شۇ يىلى ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تۈرى تەستىقلاندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2020-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ماگىستىر ئاسپىرانتلار بولۇپ، كەسكىن ئىلتىماس قىلىش رىقابىتىدە بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. بىر ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال چيەن دايىنى تېپىپ يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتتى.

   2023-يىلى 3-ئايدا، 57 ياشلىق چيەن دايى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇراتتى، مەكتەپ ئۇنىڭ بۇ يەردە قېلىپ، پەن تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. «پەن تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقىنىڭ يۈكى ئېغىر، ئادەتتە ياش، قابىل تايانچلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، لېكىن مەن پېنسىيەگە چىقاي دەپ قالدىم. ئەمما ئۆزۈم بىر قوللۇق يېتەكلىگەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم، يېرىم يولدا ۋاز كېچىشكە ھەقىقەتەن چىدىماي قېلىۋاتىمەن» دېدى ئۇ

   «مەكتەپ سىزگە ئېھتىياجلىق بولغانىكەن، ئۆزىڭىزمۇ قىلالايمەن، دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا بېرىڭ». ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى چۈشەندى، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى، ئۇ ئاخىرى بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلدى. «ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە تېخىمۇ ياردەم بېرىش كېرەك، مېنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيىتىم بار».

   ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇ تەشكىللىك ھالدا پەن تەتقىقاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، مەكتەپنىڭ يىللىق پەن تەتقىقات خىراجىتى 30 مىليون يۈەنگە يەتمەيدىغان ھالەتتىن 130 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك تۈر كۆپىيىپ 20گە يېقىنلاشتى، «شىنجاڭ بىيوماسسىلىق بايلىقىنى پاكىز ئايلاندۇرۇش ۋە يۇقىرى قىممەتتە پايدىلىنىش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» قۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى ھەم بۇ تۈر تەستىقلىنىپ، ئاساس تەتقىقاتتىن نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقىچە بولغان زەنجىرنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بەلگىلەنگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

   بۇلتۇر 6-ئايدا، چيەن دايى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلار سىنغا ئېلىپ قىسقا سىن سۇپىسى ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى سۆز قالدۇردى: «چيەن مۇئەللىم ئىنتايىن ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان»، «چېھرىدە مەڭگۈ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ»، «ئۇنىڭ دەرسىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلىمەن»... پۈتۈن ئېكراننى قاپلىغان سۆزلەر ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئۈن-تىنسىز قارار چىقاردى. بۇ يىل 4-ئايدا، ئۇ پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، 5-ئايدا يەنە غۇلجىغا قايتىپ كەلدى.

   «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتقان، ئالىيجاناپ ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىلىق خۇش پۇراق تارقاتقان ئىلى سىفەن داشۆسى ئوقۇتقۇچىسى. ئۇستاز بولغان ئادەم مەسئۇلىيەتچان، سەۋرچان بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى مېھرىبان بولۇشى كېرەك.» چيەن دايى مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئالتە يىلدا، چاچلىرىم ئاقارغان بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەرمىدى. ئىلى دەرياسى بويىدا قېلىپ، ئىلىم پەن قۇرۇلۇشى ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى يولىدىكى ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.