تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تاشيول قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ

قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى

تاشيول قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشيولنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاش ۋە قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلىدى، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ.

لايىھەنى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاشيول قانۇنى 1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، تاشيول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بېكىتىلگەن ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سىياسىتى دۆلىتىمىزنىڭ نوقۇل ئاممىۋى مالىيەگە تايىنىپ تاشيولنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەبلەغ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشيول قاتنىشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، قىسمەن ماددىلار تاشيول تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەق ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى باشقۇرۇش - ئاسراش مەبلىغىنى توپلاش شەكلى توغرىسىدا نۆۋەتتە تېخى ئېنىق تۈزۈم - بەلگىلىمە يوق. دەسلەپكى مەزگىلدە قۇرۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ھەق ئېلىش مۇددىتىنىڭ كەينى - كەينىدىن توشۇشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى باشقۇرۇش - ئاسراش مەبلىغىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاشيول قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلارنىڭ ئومۇمىي تۈزۈم رامكىسى ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىندى، تولۇقلاش، كىچىك دائىرىلىك بولۇش شەكلىدە زۆرۈر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئالاقىدار بايانلار يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. «قاتناشقا مەسئۇل تارماق» دېگەن سۆزگە بىرتۇتاش ھالدا «قاتناش - تىرانسپورتقا مەسئۇل تارماق» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، «نامرات رايونلار» دېگەن سۆزگە «ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، «قەرز پۇلدىن پايدىلىنىش ياكى مەبلەغ توپلاش» دېگەن سۆزگە «قانۇن بويىچە قەرز ئېلىش» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش يەنىمۇ چىڭىتىلدى. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنىڭ قەرز قايتۇرۇش ياكى تىجارەت قىلىش مەزگىلىدىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مال باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا تەڭشىلىپ، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، باشقۇرۇش تەلىپى ئۆستۈرۈلدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا باشقۇرۇش - ئاسراش مەبلىغىنى توپلاش يوللىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەزگىلى ياكى تىجارەت مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش - ئاسراش خىراجىتىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھەققىدىن چىقىم قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە مۇستەقىل كۆۋرۈك، تونېللارنى قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى ياكى تىجارەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىرتۇتاش باشقۇرىدىغانلىقى، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ باشقۇرۇش - ئاسراش مەبلىغى توپلاشقا بولىدىغانلىقى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش - ئاسراش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن ھەمدە مالىيە ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدىغانلىرىدىن قايتا ھەق ئېلىنمايدۇ.

ئامما قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئارقىلىق پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ، ئالاقىدار تەكلىپ - پىكىرلەرنى 2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن بۇرۇن، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تور بېكىتى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، خەت - چەك قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.