تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە باشلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى، پىراكتىكانت مۇخبىرلار دۇڭ شياۋيەن، ئايسۇلتاننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 5 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 5 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دېيىلدى) 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە باشلىنىدىكەن.

مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ كەڭ ئۇنىۋېرسال مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە غۇلجا شەھىرى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە قوش مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 15 ۋەكىللەر كوماندىسى، 668 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

مۇسابىقىدە سەككىز چوڭ تۈر تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئاممىۋى تۈر، ئۈچ ئالاھىدە ئولىمپىك تۈرى بار بولۇپ، جەمئىي 350 كىچىك تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇت - قولى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، تىكتاك توپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ئوقيا ئېتىشتىن ئىبارەت بەش ماھارەت تۈرى تەسىس قىلىنىپ، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئېلىشىشتىكى ماھارەت سالاپىتى نامايان قىلىنىدۇ؛ ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، تىكتاك توپتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىنىپ، قاتنىشىشنى ھەمبەھىرىلەش، خۇشال تەنھەرىكەت گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى دەرىجىگە ئايرىش مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئادىل بولۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. مۇسابىقىگە باراۋەر قاتنىشىش، ئادىل مۇسابىقىلىشىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان تېببىي ئىلىم بويىچە ئىقتىدارىنى دەرىجىگە ئايرىش سىستېمىسىغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مېيىپلىك تۈرى، مېيىپلىك دەرىجىسى ۋە تەنھەرىكەت ئىقتىدارى پەرقىگە قارىتا، بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، كەسپىي دەرىجىگە ئايرىش ئۇستىلىرى تېببىي دىياگنوز قويۇش، ئىقتىدارىنى سىناش ۋە تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئارقىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى ئىلمىي دەرىجىگە ئايرىپ، تەنھەرىكەت ئىقتىدارى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماھىرلارنىڭ بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرىجىگە ئايرىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، ئەرز قىلىش يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئوچۇق - ئاشكارا خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

«مۇسابىقىدە ماھارەت خاراكتېرى، كەسپىي خاراكتېر گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئاممىۋى خاراكتېرى، سىغدۇرۇشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چېن جىن مۇنداق بىلدۈردى: ئاممىۋى تۈرلەرنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارغانسېرى كۆپ مېيىپلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيدىن چىقىپ تەنھەرىكەتكە قاتنىشىش، تەنھەرىكەتتىن خۇشال - خۇرام بەھرىلىنىش، ئۆزىگە ئىشىنىپ جەمئىيەتكە سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك مەيدان - سورۇنلىرىدا مېيىپلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش، مۇسابىقە كۆرۈشتىكى تۈرلۈك ئېھتىياجىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى. مۇسابىقە مەيدان - سارايلىرى، كۈتۈۋالىدىغان مېھمانسارايلار، ئاممىۋى رايون قاتارلىقلارغا قارىتا سىستېمىلىق، توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى.» ئىلى ئوبلاستلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى ۋاڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالاقىدار ئەسلىھەلەر چۇۋۇۋېتىلمەيدۇ، تاقاپ قويۇلمايدۇ، بىكار تاشلاپ قويۇلمايدۇ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر «مۇسابىقە ۋاقتىدا يۈرۈشلەشتۈرۈش»تىن «كۈندىلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھسۇلاتى»غا ئۆزگەرتىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.

مۇسابىقىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، «باراۋەر بولۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، «تىيانشاندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ يۈكسىلىش»تىن ئىبارەت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، ھەر مىللەت مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە مەدەت بېرىدىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جانلىق سەھىپىسى ئورتاق پۈتۈپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.