− «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى يۈ شاڭپىڭنى زىيارەت
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتاب بېيجىڭدا رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخىنى توغرا تونۇشىنى نوپۇزلۇق ئىلمىي ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىندا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بۇ كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى − شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭنى زىيارەت قىلىپ، بۇ كىتابنى تۈزۈشتىكى ئەسلىي مەقسەت، يادرولۇق تارىخىي پاكىت، مۇھىم ھۆكۈم ھەم رېئال ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر سۆھبەتنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون
جۇڭگو مىليون يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىغا، 10 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە قەدىمىي دۆلەت، شۇنداقلا كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۆلەت. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ خىللىق ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەزەر دائىرىسىگە قويغاندا، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، بىر خىل ياكى ئىككى خىل دىن ئاساس قىلىنىش، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭ دىن ئەندىزىسىدىكى تارىخىي ئالاھىدىلىك، يۇغۇرۇلۇش، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى.
شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسى ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋردىلا، شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىر ئەتراپىدا، ئاتەشپەرەسلىك دىنى شىنجاڭغا تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1 - ئەسىردە، بۇددا دىنى شىنجاڭغا تارقالغان ھەم تەدرىجىي ئاساسلىق دىنغا ئايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋجياۋ دىنى، نېستورىئان دىنى ۋە مانى دىنى تارقىلىپ، بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەندىزە شەكىللەنگەن. 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى تارقىلىپ، ئالتە ئەسىر ئەتراپىدا تارقىلىش ئارقىلىق 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق دىنغا ئايلانغان، لېكىن بۇ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شىزاڭ بۇددا دىنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي راۋاج تاپقان. تەخمىنەن 18 - ئەسىردىن باشلاپ، خىرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەندىزە ساقلانغان ھەم ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.
«شىنجاڭدا ھەم بىرلا خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت مەۋجۇت ئەمەس، ھەم دىنىي ئېتىقادى ئۆزگەرمىگەن مىللەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس.» يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن ۋە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، نېستورىئان دىنى، مانى دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلغان. بۈگۈنگە قەدەر، يەنىلا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. قىرغىز ئاممىسى ئىچىدە ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار، ھەم شىزاڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار، يەنە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارمۇ بار. خەنزۇ ئاممىسى ئىچىدە بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىئان دىنى قاتارلىقلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى بار.
يۈ شاڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەلۇم بىر دىن مەلۇم بىر مىللەت ئەزەلدىن ۋە بىردىنبىر ئېتىقاد قىلىدىغان دىن دەپ قارايدىغان، شۇنداقلا ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق مىللەت سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ دەپ قارايدىغان گەپ - سۆزلەر تارىخىي پاكىتقا خىلاپ، ھەم بىمەنىلىك. مىللەتنى دىن بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، مىللەت مەدەنىيىتى بىلەن دىن مەدەنىيىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھە دەپ «دىن بىلەن مىللەتنى باغلىۋېلىش» «دىن بىلەن مىللەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋېلىش»تەك سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلىش تېخىمۇ خاتا.
جۇڭگودا ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت بىلەن دىن مۇناسىۋىتى ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت
غەربنىڭ دىن تارىخىنى بايان قىلىش رامكىسىدا، «ھاكىمىيەت بىلەن دىن مۇناسىۋىتى» ھەمىشە «ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈش» ياكى «ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل قارىمۇقارشىلىققا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىلگەن. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»دا جۇڭگو تارىخى چوڭقۇرلۇقىغا تېخىمۇ ئىگە بولغان كۆزىتىش نۇقتىسى − ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«جۇڭگودا ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت بىلەن دىن مۇناسىۋىتى ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرىدۇ، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنىدۇ، يەنى دىن ھاكىمىيەتكە بويسۇنىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.» يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگودا دىننىڭ سىياسىي ئۈستقۇرۇلما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ بىر خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، مەركىزىي ھاكىمىيەت شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى باشلىغان، دىننى باشقۇرۇش دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن. تارىختىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت مەخسۇس باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، دىننى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىننىڭ خاننىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىش، خەلق ئاممىسىغا تەلىم - تەربىيە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرغان − تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، داۋجياۋ دىنى ئىبادەتخانىسى سېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، رايىب ئەمەلدار، رايىبلىق گۇۋاھنامىسى ۋە رايىب تەۋەلىكى قاتارلىق تۈزۈملەر ئارقىلىق، شىنجاڭ رايونىدىكى بۇددا دىنى ۋە داۋجياۋ دىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ھۆكۈمرانلار ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ۋە كۆلەمدىكى دىن باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىنلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگو دەۋرىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەت قانۇنى قاتلىمىدىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىنلارنى ئىدارە قىلىش سالمىقىنى زورايتقان.
يۈ شاڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇش دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تارىخىي ئەنئەنىسى ۋە ئاساسىي ئۆلچىمى. شىنجاڭ رايونى تارىخىدا، مەيلى يەرلىك دىن بولسۇن ياكى سىرتتىن كىرگەن دىن بولسۇن، ھەممىسى باشتىن - ئاخىر ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت ئەزەلدىن قۇرۇلۇپ باقمىغان. يۈتيەن بەگلىكى، قاراخانىيلار خانلىقى، قوچۇ خۇيخۇ خانلىقى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، يەكەن خانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بولۇپ، ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئەنئەنىگە بىردەك ئەمەل قىلغان.
دىننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشتىكى تارىخىي تەجرىبە
شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش ئىزلىرىغا نەزەر سالساق، شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ بۈيۈك بىردەكلىككە ئىگە ئىدارە قىلىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىنلار ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىگە سىڭىشكەن؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتقان.
«بۇ جەرياندا، دىننى ئىدارە قىلىش مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. مەركىزىي ھاكىمىيەت كۈچەيگەن، شىنجاڭدىكى دىنلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان مەزگىل ھەمىشە شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ھەرقايسى دىنلار يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىل بولغان.» يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداشتىكى تارىخىي تەجرىبە.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دىنىي فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە ئېزىش، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي جەمئىيەتنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىننى جاھانگىر كۈچلەرنىڭ باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئۆزى باشقۇرىدىغان ئىشقا ئايلاندۇردى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، دىن تۈزۈمىنى دېموكراتىك ئىسلاھ قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، پارتىيە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە دىن ساھەسىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، دىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ توغرا يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى شەكىللەندۈردى.
«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ قىياپىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، دىن خىزمىتى ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ مېڭىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى.» يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.
تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرىدىغان ئۆتكۈر قورال. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ مەيدانغا كېلىشى بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان ئىلمىي كۈچ ئارقىلىق تارىخىي تومۇرنى ئايدىڭلاشتۇردى، تونۇشتىكى پەرقلەرنى تۈگەتتى.
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بۇ نوپۇزلۇق ئەسەر ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، ئادەم تەربىيەلەش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىي پاكىتلىرىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا چوڭقۇر، ئۇزاققىچە كۈچ قوشىدۇ» دېدى يۈ شاڭپىڭ.






