تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر قېتىملىق «توي»غا قاتنىشىپ، شېرىن ھېسسىياتقا تولغان شىنجاڭنى ھېس قىلىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

«جياڭلەي ئەپەندى بىلەن نانا خانىمنىڭ تويىغا قاتناشقىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچقۇرۇن، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى جياڭلەي شەھەرچىسىنىڭ 3 - قەۋىتىگە جايلاشقان «بازاردىكى توي» باش تېمىسىدىكى توي زىياپىتى زالىغا رەڭدار چىراغلار ئېسىلغان بولۇپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، ئۇزۇن ئۈستەلگە باچكا شورپىسى، پولۇ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى لىققىدە تىزىلغان بولۇپ، ئىللىق ئەتىرگۈل چېيىنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن، بىر مەيدان ئۆزگىچە بولغان توي ئۆرپ - ئادىتى ۋە توي زىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چۆكۈش شەكلىدىكى «بازاردىكى توي» قالتىس باشلاندى. بۇ جايدا ساياھەتچىلەر ئەمدى تاماشىبىن ئەمەس، بەلكى توينى تەبرىكلەپ كەلگەن مېھمانلارغا ئايلاندى.

«بازاردىكى توي» شىنجاڭدىكى تۇنجى كوچا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن چۆكۈش شەكلىدىكى توي ئۆرپ - ئادىتى ۋە توي زىياپىتى بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، تېزلىكتە ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى. «بۇ تۈردە <يېمەك - ئىچمەك + ئويۇن قويۇش + ھەمتۈرتكە بولۇش> ئەندىزىسى ئىجادىي بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل، قىزىقارلىق توي مۇراسىمى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان. مەيلى كوچا رايونىدىكى قىز كۆچۈرۈش سەيلىسى بولسۇن، ياكى باش تېمىلىق توي زىياپىتى زالىدىكى سەھنە، غىزالىنىش رايونلىرىدا بولسۇن، ئارتىسلار تاماشىبىنلار ئارىسىغا ئىختىيارىي بېرىپ، تاماشىبىنلارنى گۈل تالىشىش، مەشرەپ ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كۆپچىلىك بۇلارغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن خاۋ تونۇشتۇرۇپ.

«ناھايىتى تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن! ھەقىقەتەن دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشقاندەك بولدۇم.» شەندۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لى يىجېن ئارتىسلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن شوخ مەشرەپكە چۈشتى، «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە توي مۇراسىمىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدىم، تولىمۇ يېقىشلىق ئىكەن، خۇددى شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندەك بولدۇم.»

چېن خاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بازاردىكى توي»غا 2025 - يىلىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلدۇق، ئويۇن سېنارىيەسى ھەم ھەربىر توي ئۆرپ - ئادىتى ۋە مۇراسىمىگە دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن، چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش ۋە چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، تىنچ ھالەتتىكى خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تۇرمۇش بايانىغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق، «ھازىر، <بازاردىكى توي> ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى».

«ئۇزاقتىن بۇيان، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدە خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى سەھنىدىلا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت يەككە يۆنىلىشلىك كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش خاتا قارىشى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنىدى، ھازىر، <بازاردىكى توي> ئارقىلىق ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قائىدە - يوسۇنلىرى قېزىپ چىقىلىپ، مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇشىغا قايتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈردە بەرپا قىلىنغان <چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش + ئۆزگىچە توي زىياپىتى>دىن ئىبارەت يۇغۇرما ئەندىزە ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال زەنجىرى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىلدى.» جۇڭگو ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دىڭ مېڭنىڭ قارىشىچە، «بازاردىكى توي» شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۆپەيتكىلى بولىدىغان ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن جايلار ئەنئەنىۋى توي مۇراسىملىرىدىكى مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ - ئادىتى بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا ئىگە توي مۇراسىمى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئويۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شاد - خۇراملىققا تولغان ھەربىر قېتىملىق «توي مۇراسىمى»دا شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، شىنجاڭدا ساياھەت قىلىشنىڭ سەيلە قىلىش، داكا قىلىشتىن ئادىمىيەت جەھەتتىكى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

نارات مەنزىرە رايونى بوشلۇق يايلىقىنىڭ تيەنمۇ سۇپىسىدىكى ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك كۆرگەزمە ئويۇنى يايلاققا جانلىق، قىزغىن ئادىمىيەت كەيپىياتى بېغىشلىدى. ھەر مىللەت ئارتىسلار ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ، بىپايان يايلاقنى سەھنە قىلىپ، يايلاقتىكى ئەنئەنىۋى توي ئۆرپ - ئادىتى ۋە مۇراسىمىنى ئەينەن نامايان قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدەملىرىنى توختىتىپ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشقا، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

چىڭگىل ناھىيەسىدىكى چىڭگىل لاڭشەن مەنزىرە رايونىدا، بىر مەيدان قىزغىن «توي مۇراسىمى» گۈلخان كېچىلىكى بىلەن بىللە قالتىس ئۆتكۈزۈلدى − چىرايلىق ئەنئەنىۋى مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقىغان «باتەي» بىلەن توي كۆڭلىكى كىيگەن «لى ۋېنشيۇ» كاتتا يايلاق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم»دىن پايدىلىنىپ قايتا ئىجاد قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ توي ئۆرپ - ئادىتى ۋە مۇراسىمى سىڭدۈرۈلۈپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن «باتەينىڭ توي مۇراسىمى» ناملىق ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك خەلق ئۆرپ - ئادىتى تىياتىرى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى. بۇ تىياتىردا قىز كۆچۈرۈش ئۇسسۇلى، چاچقۇ چېچىپ بەخت تىلەش، يۈز ئېچىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى توي ئۆرپ - ئادىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دومبىرا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ تەڭكەشلىكىدە، توي قىلغان قىز - يىگىتنىڭ رولىنى ئېلىش، كوللېكتىپ ناخشا - ئۇسسۇل بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، ئات بىلەن قىز كۆچۈرۈش قاتارلىق خاس تۈرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، «سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش + خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قاتنىشىش + يايلاقتا ئارام ئېلىش» بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى ھالىتى بەرپا قىلىندى، ساياھەتچىلەر چۆكۈش شەكلىدە ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا شىنجاڭنى چۈشەندى، شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالدى.

«مەنزىرە پەقەت ساياھەتچىلەرنى كۆرۈشكە جەلپ قىلىدۇ، قاتنىشىش ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قالالايدۇ؛ ساياھەت داۋامىدىكى تەسىرات ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ، ئەسلىمە شۇ جاينى تەشۋىق قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.» دىڭ مېڭ مۇنداق قارىدى: مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نېگىزى شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىشتە، ياخشى مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنى تەسىرات ئۈچۈن پۇل خەجلىتىدىغان، ھېكايە ئۈچۈن قەدىمىنى توختىتىدىغان، ھېس قىلىش ئۈچۈن تەشۋىق قىلدۇرىدىغان مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش جەھەتتە بايلىقنى نامايان قىلىشتىن قىممەتنى ھېس قىلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، پائال ئىلگىرىلەيدىغان، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تايانچ قىلىپ، يۆتكىلىشچان، ئوچۇق، قاتنىشىشقا بولىدىغان، بىرىكمە تىپلىق چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش مۇقەررەر تاللاشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.