تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەنتەربىيە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشتى

ئىككى مۇسابىقە بىرلەشتۈرۈلدى، ئۈچ جاي ھەمتۈرتكە بولدى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلەندى

تەنتەربىيە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ناخشا ساداسى ياڭراپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشا پۈتۈن مەيداننى قاپلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

ئىلى بىلەن قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىنى تۇتاشتۇرغان، تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىدە، 14 مىڭ 600 تەنھەرىكەتچى ئەزىمەت ماھارەت كۆرسىتىش بىلەن ئىتتىپاقلىق گىرەلەشكەن قالتىس سەھىپىنى بىرلىكتە پۈتتى. ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە 3125 مېدال، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تۈرىدە 249 مېدال، مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى ماھارەت مۇسابىقىسى تۈرىدە 724 مېدال تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كەسكىن مۇسابىقىلىشىشتە ئاققۇزغان تەر مۇجەسسەملىنىپلا قالماي، ئۇ يەنە يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېپيېڭى كەيپىياتقا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى مۇسابىقە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ماھارەت مۇسابىقىسى بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇچقۇنىنى چاقناتتى

«پۈتۈن مەيداندىكىلەر خور ئېيتقان شۇ پەيتتىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم» دېدى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ۋاڭ جىڭجې ھاياجانلانغان ھالدا. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كەسىپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ۋاڭ جىڭجې سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئۆسمۈر - بالىلار ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە ۋالىبول تىرېنېرى بولدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ئۇ ھەم ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت تۈرىنىڭ تىرېنېرى، ھەم پومزەك توپ، مەرۋايىت توپتىن ئىبارەت ئىككى مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى تۈرىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بولدى.

«بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ماڭا تونۇشلۇق بولغان ماھارەتتە بەسلىشىش بار بولۇپلا قالماي، يەنە نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى تۈرلىرىمۇ بار، مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەسىراتىم ناھايىتى قالتىس بولدى.» ۋاڭ جىڭجې مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەتچى بولغان 15 يىلدىن بۇيان، مەن ئىزچىل باشقا جايلاردا مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىلىشىپ كەلدىم، يۇرتۇمنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىممۇ ناھايىتى ئاز بولدى، «بۇ قېتىم ئىككى مۇسابىقە بىرلەشتۈرۈلدى، مەن ئىلى، قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىغا باردىم، ئىلگىرى بېرىپ باقمىغان نۇرغۇن جايغا باردىم، يۇرتۇمغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.»

«قەشقەرگە كېلىپ مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت تۈرىدە نەتىجىسى بىرقەدەر ياخشى بالىلار.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەكتىپىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تىرېنېرى فېڭ شياڭ مۇنداق دېدى: ئىلى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەھلىيا مۇساجان ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت تۈرىدە 3 - لىككە ئېرىشتى، ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە تاختا ئاياغ بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىش تۈرىگە قاتنىشىپ، 2 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، «يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدە ئۆزىنى ئۆزى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك، تاختا ئاياغ بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىشتە ئۈچ ئادەم بىر جۈپ ئاياغ كىيىدۇ، بۇ ماسلىشىشچانلىق ۋە ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ سىنايدۇ، كىچىك كوماندا ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روھىي ھالەتنى تاۋلايدىغان، مۇسابىقە تەجرىبىسى توپلايدىغان ياخشى پۇرسەت.»

ھەر بىر «قوش سالاھىيەت» توغرىسىدىكى ھېكايە ئىككى چوڭ مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش. شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزدى، مۇسابىقە 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە باشلاندى، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئاياغلاشتى، ئىلى، قەشقەر ئىككى مۇسابىقە رايونىدىن ھالقىپ، يەنە ئات ئۈستى تۈرى كورلا تارماق مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىندى، مۇسابىقىگە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھەم شىخەنزە شەھىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3 - شىدىن كەلگەن 16 كوماندا قاتناشتى، كۆلىمى 14 مىڭ 600 كىشىگە يەتتى.

«ئىككى چوڭ مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش دەل بىر قېتىملىق ئىجادىي ئەمەلىيەت بولۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى، ئاممىۋى تەنتەربىيە، مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كاڭ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ھەم كەسپىي ماھارەت بىلەن يەرلىك خاسلىققا تەڭ ئېتىبار بەرگەنلىك، ھەم زامانىۋى ماھارەت بىلەن مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىق، بۇ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدىكى بىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۇيۇشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆل بويىغىچە، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيەنىڭ كۆپ خىل جەلپكارلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى

مۇسابىقە 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىلا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر ئاياللار تەپكۈچ تېپىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ شۇيۈن بىلەن ئايشەم ئابلەتتىن ئىبارەت 25 ياش پەرقلىنىدىغان بۇ بىر جۈپ ھەمراھنىڭ ئالاقىسى يەنىلا شۇنداق قويۇق بولدى، ئىككى ئايلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ئۇلارنى قەدىناس دوستلارغا ئايلاندۇردى. «ئىككىمىزنىڭ مىجەزى بىر - بىرىمىزنى تولۇقلايدۇ، مەن سەل ئېغىر بېسىق، ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇقراق. مۇسابىقە مەيدانىدا مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرالايمەن، ئۇ ماڭا مەدەت بېرەلەيدۇ.» ليۇ شۇيۈن مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە يېڭىپلا قالماي، يەنە بىر ياخشى سىڭلىم كۆپەيدى.»

ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشى يەنە تۈر تەسىس قىلىشتا ئىپادىلەندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، لۇڭ - شىر ئۇسسۇلى ۋە لۇڭجوۋ قولۋىقى تۈرى تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئىككى تۈرنىڭ ئومۇملىشىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. سانجى شۆيۈەنى شىر ئۇسسۇلى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جاڭ يەنفېي داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە خۇنەندە لۇڭ - شىر ئۇسسۇلى بىلەن ئۇچراشقان، بۇ قېتىم ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەنۇب شىرىنىڭ خۇشاللىقى، غەزىپى، قايغۇسى ۋە خاتىرجەملىكى بىلەن شىمال شىرىنىڭ شوخلۇقى، چەبدەسلىكىنى يۇغۇرۇپ كوماندا ئەزالىرىغا ئۆگەتتى.

سانجى ئوبلاستى لۇڭ - شىر ئۇسسۇلى كوماندىسىدا ئۈچ ئايال كوماندا ئەزاسى بار بولۇپ، ھەممىسى مەكتەپ چامباشچىلىق كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى. «چامباشچىلىق ئاساسىي ماھارىتى پۇختا بولغاندا، ھەرىكەتلەرنى ئاندىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىگىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ يەنفېي. مەشىق جەريانىدا، كوماندا ئەزالىرى دائىم: «شىرنىڭ بەدىنىنى قاشلىشى، موللاق ئېتىشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ، بۇ شىرنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەربىر ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىگە خاس تەلىپى بار، دەپ چۈشەندۈرەتتى. كوماندا ئەزالىرى مۇسابىقە ئارقىلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي، يەنە لۇڭ - شىر ئۇسسۇلى مەدەنىيىتىنى چۈشەندى.

لۇڭجوۋ قولۋىقى مۇسابىقىسى قەشقەر شەھىرىدىكى دۇڭخۇ كۆلى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، كۆل بويى كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولدى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىقلەرمۇ، يەنە قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى. «دۇمباق ئاۋازىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن كەلدىم.» ساياھەتچى چاڭ شۇپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن خۇنەنلىك، شىنجاڭدا لۇڭجوۋ قولۋىقى مۇسابىقىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بەك قالتىسكەن، تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ياخشى بولدى».

قەشقەر، ئاقسۇ لۇڭجوۋ قولۋىقى، فېڭجوۋ قولۋىقى كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن. «كوماندىدىكى نۇرغۇن بالىلار باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن، ئۇلار شىنجاڭدا بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن ئۇچراشتى، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن لۇڭجوۋ قولۋىقى مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تارقىتىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭمۇ لۇڭجوۋ قولۋىقى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇۋاتىدۇ.» قەشقەر لۇڭجوۋ قولۋىقى كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ليۇ كەي مۇنداق دېدى: لۇڭجوۋ قولۋىقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشنى ئەڭ نامايان قىلغىلى بولىدىغان تەنھەرىكەت، دۇمباق چالغۇچى، رولچى، پالاق ئۇرغۇچى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئورنى بار، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كوماندا ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئاندىن ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر تيەن دېشىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاساسىي قاتلامدىكى ئادەتتىكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقە مەيدانلىرىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدى. مۇسابىقە مەيدانى ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر يېقىن ئارىلىقتىن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، مۇسابىقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ باغلىدى.»

مۇسابىقە ۋاسىتە قىلىنىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونىغا ھالقىش يولى ئېچىلدى

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، تارباغاتاي كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، يەنە كېيىنكى نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەجرىبە توپلىدى. «مەن بۇ يىل مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، ئەگەر كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقە يەنە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلسە، ساھىبخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئالدىن تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى تارباغاتاي كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى چى خۇڭچۇن.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت تۈرىنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئۆلچىمىگە توغرىلاندى، دىققەت 12 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، U20 ،U18 ،U16 ،U14 قاتارلىق كۆپلىگەن ياش گۇرۇپپىلىرىغا ئىنچىكە ئايرىلدى، 600دىن ئارتۇق مۇسابىقە كىچىك تۈرى تەسىس قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان ماھارەت سەۋىيەسىدىكى ماھىرلارنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈپ ماھارەت كۆرسىتىشى، ئادىل رىقابەتلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مۇسابىقە ھەم ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى، ھەم مەشىق مەيدانى بولدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتەپلىرى، مەكتەپ تەنتەربىيە كوماندىلىرى بىر سەھنىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقە ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى تىرېنېرلار، رېپېرلار مۇسابىقىنى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشتىن سىرتقى مەشىق بىلەن كەسپىي مەشىقنى جىپسىلاشتۇرۇش يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردى.

مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي رېڭى ئوخشاشلا روشەن بولدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 3.01 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدىغان نوپۇسنىڭ نىسبىتى %39.1كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. مۇسابىقە ئىلى، قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى ۋە مەيدان - سارايلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئامما يېقىن ئەتراپتا تەنھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى. «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلاندى، غۇلجا شەھىرىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى 30 مىڭ كۆرۈرمەننى جەلپ قىلدى، قەشقەر شەھىرىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت، ئىستېمال چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، مۇسابىقە ئىقتىساد زەنجىرى ئۇزارتىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى «15 - بەش يىل» يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش سىگنالى، بۇ كاتتا مەرىكە شىنجاڭ تەنتەربىيەسىگە يېڭى ئىزاھات پۈتۈپ، تەنتەربىيەنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىدىغان، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قۇۋۋەت قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.