چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك
پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

42 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + مائارىپ» خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 42 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
جياڭجۈن ۋاڭ جېن قۇرغان ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى ھازىرغىچە 79 يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، قىزىل ئاساسى چوڭقۇر، ئوقۇتۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپ تارىخ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + مائارىپ» خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قۇرغان سىفەن مەكتىپى بولۇپ، تەربىيەلىگەن سىفەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %70تىن كۆپرەكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا يىلتىز تارتتى، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپتە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز بۇ مەكتەپنىڭ ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئالىي مائارىپنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلان خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سەمىمىي قەلبى، تۆھپە قوشۇش قەلبى، مېھرىبان قەلبى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، كىشىلىك قەدىر - قىممەت جەلپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى قوغداپ، ئىلىم ماھارىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئېچىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ياشانغان ئوقۇتقۇچىلار، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، نېگىزى مائارىپتا. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ، ئادەم تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ساھەسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەكتەپ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مەھكەم ساقلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ - ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساس مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاساس مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش - تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش - تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپچىلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش - تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە ئىگە، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، خاتىرجەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم پائالىيەتكە قاتناشتى.






