تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇ جۈەن، جاۋ يەن

«باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى.» 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ مۇھىم باش تېمىنى چۆرىدەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر بايان قىلدى.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قىرغىزىستان، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. كۆپلىگەن دۆلەتتىكى زاتلار مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى كۆزلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، داۋالغۇپ تۇرغان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا سىجىل ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

جۇڭگو لايىھەسى دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بەردى

توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.

2025 - يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىگە ئەمەل قىلىش، خەلقئارا قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ يادرولۇق ئىدىيەنى ئېنىق كۆرسىتىپ، «قانداق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى قانداق ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

«بىز مەۋقەنى ئادەمنى ئاساس قىلىشقا قويۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولايلى!» بىر يىلدىن كېيىن، بىشكەكتىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى مەيدانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا دەۋر چاقىرىقى چىقاردى.

بىر يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ: «دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.» دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا دىققەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇس بىلەن تومۇرداش.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە تۈرتكە بولدى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆز يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئارىسىدا پائال ئىنكاس قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: دۇنيادا كۈنسېرى كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتى نامايان بولۇۋاتىدۇ، كۆپ قۇتۇپلىشىش دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شەرتى.

دۇنيا قانداق كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ئېھتىياجلىق؟ ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قانداق قاتنىشىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ يىغىندا تۆت ئۆلچەمدىن «باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى − ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش تۈپ پىرىنسىپ؛ تەڭپۇڭ، تەرتىپلىك بولۇش، قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش مۇقەررەر تەلەپ؛ كۆپ تەرەپچىلىك، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئاچقۇچلۇق يول؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشى، بۇلار ھەرقايسى تەرەپنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

مىسىر كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مۇھەممەت يۈسۈپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىشكەكتە قىلغان سۆزى «كۆپ قۇتۇپلىشىش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق رامكا بىلەن تەمىنلىدى»، سۆزىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ «ئەھمىيىتى زور».

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ماقسات چاكىيېف مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بىشكەك باشلىقلار يىغىنى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ داۋامى، «رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ باراۋەر قاتنىشىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە پايدىلىق». موڭغۇلىيە جۇڭگو تارىخ - مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى باتاروف مۇنداق دېدى: «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان، بۇ يىللىق يىغىندا دىققەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش قارالمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكى دەل بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى.»

دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «يول» ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە «ھەرىكەت»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى قاتارلىق سورۇنلاردا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ھازىرغىچە، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى 160قا يېقىن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى؛ «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش دوستلار گۇرۇپپىسى» نيۇيورك، جەنۋە، ۋىيېننادىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، 60 نەچچە دۆلەت بەس - بەستە قاتناشتى؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ كۇبا، ئۇرۇگۋاي، ۋيېتنام، موزامبىك، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئېلان قىلغان قوشما باياناتىغا كىرگۈزۈلدى.

«دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى دۇنيانىڭ ئەستايىدىل، كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق.» بەھرەين «دېڭىز قولتۇقى خەۋەرلەر گېزىتى» دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولغان پەيتتە «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ۋە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى» ناملىق مەخسۇس ئىستون ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئۆزگىچە قىممىتى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى. «تېخنىكا كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۈرۈشۈش قائىدىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەر دائىرە شەكىللەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق.»

ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش پالاتاسى خەلقئارا ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇلۇغبېك شېرماتوف شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىك، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھەرىكەت يۆنىلىشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ يادرولۇق ئىدىيە خەلقئارا سىستېمىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.

«جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۇزاق مەزگىللىك مۇساپە دەپ قارايدۇ.» ھىندونېزىيە دۇنياۋى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېي جېنيۈ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا رايون توقۇنۇشى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق».

بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى: خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ، تۇنجى خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تالاش - تارتىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى؛ دۇنيا سانلىق مەلۇمات تەشكىلاتى، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگودا قۇرۇلدى؛ جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا 2035 - يىل دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلىدى...

«جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورتاق ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.» ئارگېنتىنا كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۇجىسى مارسېلو رودرىگۇس مۇنداق دېدى: «جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.»

مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى

«جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ» «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى»... بىشكەك باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىقى بىشكەك خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى. بۇ خىتابنامىدە، نۇرغۇن مەزمۇندا «دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» گەۋدىلەندۈرۈلدى: «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش» «دۇنياۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەھىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى سۆھبەت سۇپىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوللاش»...

سىرى لانكا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە قۇرغۇچىسى مايا ماجۇران مۇنداق دېدى: «ھەقىقىي كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا بىر دۆلەتنىڭ چوڭ - كىچىك، باي - نامرات ياكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۈچلۈك سۇپا ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساداسىنى كوللېكتىپ تەسىر كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇشۇنداق رولىنى بارغانسېرى كۆپ جارى قىلدۇرماقتا.»

رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، «تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىشكەك باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە كۆرۈشكەندە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق ھالدا دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچلەردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى، ئىككى تەرەپ «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ يۆنىلىشنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك، بۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى مىسىر ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تارىق خۇلى.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرى جۇڭگونىڭ رايون ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ئويلىنىشى ۋە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلدى.» سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياد سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇل ئەزىز شابانى مۇنداق دېدى: دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى تەرەققىيات ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە پايدىلىق.

پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ قوشىدۇ.»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.