تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ! قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ! پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى تېز كۆرۈڭ

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا

   كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن

   قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران

   مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

   قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن

   تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئوئاپەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش كېرەك ئىكەن

   جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ

   قاتناش، سەپەرگە چىقىشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن

  چوقۇم مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن

   ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

 

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

 

  مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى (9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20دىن 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 20گىچە). مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

  

مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى (9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 20دىن 9-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 20گىچە). مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن) بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى لاۋفېڭكوۋ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 9-8 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئاساسەن بەزىدە ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.

 «شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 杰米拉·买买提明

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.