ئاپتور: ليۇ دۇڭپىڭ
كۈز شامىلى دۆربىلجىننىڭ يېزا-دالىلارنى سىيپاپ ئۆتكەندە، كۈز مېلودىيەسى قاتمۇقات مەنزىرىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى. ئېتىزلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، دانلىق كۆممىقوناقلار سۇس ئالتۇن رەڭلىك دولقۇن ھاسىل قىلىپ، يېڭى توپا ئارىسىدىكى ياڭيۇلار قۇم توپىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، يۇمىلاق، چوڭ سەي كاۋىلىرى ئېتىزدا يېيىلىپ ياتاتتى.
ئېتىزدا كالا-قويلار سۇس سېرىق كۈزلۈك ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئوتلاپ يۈرەتتى، جىغان شاخلىرى قىزغۇچ سېرىق مېۋىلەرگە تولغان بولۇپ، شامالدا سۇس چۈچۈمەل تاتلىق جىغان ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، توپا ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئىللىق ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، يېزا-قىشلاقنىڭ كۈز كۈنلىرىدىكى خاتىرجەملىك، جانلىقلىقىدىن يېيىلغان مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلغانىدى.

دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ لاماجاۋ يېزىسىدىكى جىغان شاخلارغا لىق تولغانىدى. خەن جېنخۇا فوتوسى
دۆربىلجىن ناھىيەسى قارا ئېمىل بازىرى ئاقكۆمەي كەنتىدە شاخلارغا لىق تولغان ئالمىلار شاخلارنى ئېگىۋەتكەنىدى. گۈلبولسۇن جاسپولات فوتوسى
شەھەر ئەتراپى يېزىسىدىكى سەي كاۋىسى ھەممە يەرنى قاپلىدى. ليۇ شيۇپىڭ فوتوسى
دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىسى جاربۇلاق مەھەللىسىدە كۆممىقوناق ئورۇش باشلاندى. لەن جۇڭشىڭ فوتوسى
دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىسىدىكى ھوسۇل يىغىۋېلىنغان ئېتىزلاردا كالىلار بەخىرامان ئوتلىماقتا. ليۇ شيۇپىڭ فوتوسى
دۆربىلجىن ناھىيەسى ئېرداۋچياۋ يېزىسى مويىن كەنتى ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىش شادلىقىغا چۆمدى. خې شيۇجۈەن فوتوسى
«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






