تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (243) | شان-شەرەپ ئەكس ئەتكەن سۈرەتلەردىكى ھاياتىي كۈچ

   ئالدىنقى ھەپتە سەنئەت كۆرىكى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، مەكتەپلەردە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىش، تۈر قۇرۇلۇشلىرى زىچ ئېلىپ بېرىلدى. خەلق ئىچى سەنئەت پەسلىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، ئۇسسۇلچىلار رىتىمغا ئەگىشىپ يىپەك يولى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. مۇسابىقە مەيدانىدا، تەنھەرىكەتچىلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ماھارەت كۆرسەتتى، تەر ئاققۇزدى. مەكتەپلەر ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى مەكتەپكە كىرىش مۇراسىمى ئارقىلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولىنى ئاچتى. ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر زاۋۇت رايونىدا «نۆۋەتچىلىك» قىلدى. ئادىمىيەت ھاياتىي كۈچى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش پارچە-پارچە جانلىق كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ نامايان بولدى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىڭتۇەن 3-شىسىنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتى «يىپەك يولى ساداسى»نى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى مۇنەۋۋەر نومۇرلارنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى (خەلق ئىچى ئۇسسۇلى تۈرى) كۇچا شەھىرىدە باشلاندى.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

تاختا ئاياغدا تېز مېڭىش

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرىدە مۇسابىقىلەشتى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاختا ئاياغدا تېز مېڭىش (مۇسابىقە) تۈرى قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە باشلاندى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى

دولقۇن يېرىپ بەسلىشىش

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ لۇڭجوۋ قولۋىقى (مۇسابىقە) تۈرىنىڭ 400 مېتىرغا تېز سۈرئەتتە ھەيدەش مۇسابىقىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ كۆلى باغچىسىدا باشلاندى. سۈرەتتە ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى


دۇمباق چېلىپ ئىرادىسىنى ئىپادىلەش

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى «دۇمباق چېلىپ ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى». شۇ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى 1-يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر مەيدان ئىجادىيلىققا تولغان مەكتەپكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

خې لۇڭ فوتوسى

كاربون يىغىپ نېفىت ئېلىش

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى 8-رايون 530-قۇدۇق رايونى كېشيا گۇرۇپپىسى نېفىت زاپىسى كاربون تۆت ئوكسىدىنى كىرگۈزۈش باشلامچى سىناق تۈرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. بۇ تۈر شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى تۇنجى CCUS تۈر، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى قورام تاش مېيى CCUS ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

يېشىل توك ئۈلگىسى

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىشچىلار سەنشيا يېڭى ئېنېرگىيەسى قومۇل شامال ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك «نۇر ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولت» بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولغان نۇر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىچىدە چارلىماقتا. بۇ تۈر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئوخشاش تۈردىكى بىر گەۋدىلەشكەن تۈر.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر ماشىنا ئادەم جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكىدىكى ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى زاۋۇت رايونىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە. ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىدا ھەر تەرەپلىمە سىنلىق سېزىش-نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلدى ھەم ماشىنا ئادەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلۈپ، ئايلىنىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكلىكى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.