ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ما لىنا خەۋەر قىلىدۇ) «تۇنجى قېتىم گۈلقەنت نانغا ئېغىز تەگدىم، تەمى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن، مەكتەپتە تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنىلا شىنجاڭنىڭ بۇنچە كۆپ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن» دېدى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش نەق مەيدانىدا داشۆنىڭ 1-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىسى سۇڭ جۈنخەن.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى 2026-يىللىق تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. قەشقەر شەھىرى شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنى ئۆمەك تەشكىللەپ مەكتەپكە كىرىپ، خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىراقتىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئىللىقلىققا تولغان، خاسلىققا ئىگە بولغان «ئوقۇشقا كىرىش كۆرۈشۈش سوۋغىتى» سوۋغا قىلدى.

يېڭى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆرگەزمە رايونىدا شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى بىلەن تونۇشماقتا.
ما لىنا فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، تىزىمغا ئالدۇرغان مەزگىلدە، كۆرگەزمە رايونى ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 20:00گىچە يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، «قەشقەرنى خۇشال ساياھەت قىلىش» مەدەنىيەت-ساياھەت باش تېمىلىق كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 80گە يېقىن خاس تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆپ خىل، يۇغۇرما ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە مەنزىرىسى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى مەكتەپتىن سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا شۇ جاينىڭ مول ماددىي بايلىقى، گۈزەل مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

كۆرگەزمە رايونىدىكى شىنجاڭ ئامىللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ خىل مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى.
مالىنا فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






