تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت زېمىنى بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەدەنىيلىكى تومۇرداش

− «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى تيەن ۋېيجياڭنى زىيارەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، بۇ كىتاب تارىخنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىپ بەرگەچكە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇن ئوقۇرمەن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ كىتاب شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى بىلىش، شىنجاڭنى ئەتراپلىق تونۇشتىكى بىر مۇھىم كۆزنەك.»

ھازىر بار بولغان شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان قانداق تەرەپلىرى بار؟ ئۇنىڭ دىققەتنى تارتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېيجياڭ سىزگە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈچ تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئىككى ئويمانلىق چوڭقۇر سوزۇلۇپ ياتىدۇ، يېرى كەڭ، تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى جۇڭگو تارىخىدا كەم بولسا بولمايدىغان شانلىق سەھىپە.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»دا يەتتە باب تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىراق قەدىمدىن ھازىرقى زامانغىچە تۇتاشقان، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھەيۋەتلىك مۇساپىسى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخى سىستېمىلىق رەتلەنگەن.

پۈتۈن كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقساق، سۆز - ئىبارىلەردە «شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكى قايتا - قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. «ئەزەلدىن» دېگەن بۇ سۆز ھەرگىزمۇ كەيپىيات شوئارى ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئاساسىي رەڭ: بىزنىڭ بۇ تۇپراقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش تارىخىمىز ھەقىقىي مەۋجۇت، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۆچۈپ يۇغۇرۇلۇش، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇش پاكىتى شىنجاڭ تۇپرىقىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن.

تارىخقا نەزەر سالساق، شىنجاڭ رايونى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ئىگە بولغان جاي، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، غەربىي يۇرتنى مەركىزىي سۇلالىنىڭ باشقۇرۇشىغا رەسمىي كىرگۈزگەن؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى، بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، مۇكەممەل بولغان چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى جياڭجۈنى تەسىس قىلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلار بىرتۇتاش باشقۇرۇلۇپ، غەربىي شىمالنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملەنگەن.

گەرچە تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاشقان، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە قويۇق، بەزىدە سۇس بولغان، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. «غەربىي يۇرتنىڭ ئەھۋالى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا قاراپ ماڭغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى» دېدى تيەن ۋېيجياڭ.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»دا تارقاق تارىخىي يىپ ئۇچى سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ئاساسىي لىنىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارچە - پارچە تارىخىي پاكىتلار بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇكەممەل، تۇتاش تارىخىي مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولغان شىنجاڭ تارىخى بايان رامكىسى بەرپا قىلىنىپ، چېگرا رايوننىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىلىم ئۇل تېشى مۇستەھكەملەندى.

قەدىمدىن ھازىرغىچە، ھەربىر تارىخىي پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونى باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى؛ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىش جەريانىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولدى، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولدى، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولدى، بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەزاسى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»دا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش، ماكانىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كۈرەش مۇساپىسى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلدى. كىتابقا نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرى كىرگۈزۈلدى، ھەربىر پارچە سۈرەتنىڭ ئارقىسىدا كىشىلەر ئانچە بىلمەيدىغان بىر بۆلەك ھېكايە بار، شۇڭا تارىخنى ئىستېرېئولۇق بىلگىلى بولىدۇ.

مەسىلەن: 1 - بابتا، بۈيۈك بىردەكلىك ئەندىزىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇپ توپلىنىشى بايان قىلىنغاندا، باي ناھىيەسىدىن قېزىۋېلىنغان شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ليۇ پىڭگونىڭ تاشقا ئويۇلغان خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن. نۇسخىغا ئويۇلغان يېزىقتا كۈسەن سول قول جياڭجۈنى ليۇ پىڭگونىڭ خەنرېنلاردىن مېڭ بوشەن ۋە دى خۇبېن، جاۋ داڭبېي، شيا چياڭ قاتارلىق كۆپ مىللەت ھۈنەرۋەنلىرىنى باشلاپ جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي ۋۇلېيگۇەننىڭ غەربىدە تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەنلىكى، تاش قېزىپ ئۆتكەل قۇرغانلىقى كۆزەتخانا ياسىغانلىقىدەك تارىخىي پاكىت بايان قىلىنغان. بۇ تاش ئويما شەرقىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە خەنزۇ مىللىتى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلغانلىقى، گۈللەندۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق تارىخىي دەلىلى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»دا بۇنداق مىساللار يەنە ناھايىتى كۆپ. «كىتابتا ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيە ۋە ئىلىم نەتىجىلىرى توپلانغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش، قېزىۋېلىنغان ھۆججەت، ئىلىم يېڭى دەلىلى، چېگرا رايون تارىخىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىقلار تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، كونا قاراشلار تولۇقلىنىپ، كەم ھالقا تولدۇرۇلۇپ، خاتا چۈشىنىش ۋە چەتنەپ چۈشەندۈرۈش تۈزىتىلىپ، سۆزنىڭ ئاساسى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى تيەن ۋېيجياڭ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتابتا ھازىرقى زامانغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈزۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات قىياپىتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدە چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش بولغانلىقى نۇقتىلىق نامايان قىلىندى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» بىزگە يەنە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئەزەلدىن مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يەككە كۈرەش قىلىشى ئەمەس. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش داۋامىدا ئورتاق مەدەنىيەت خاتىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق مىللەت ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن تارىخىي سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

مەدەنىيلىك ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەممىسى مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

تيەن ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نى تۈزۈشتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تارىخىي كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇلۇپ يەنىمۇ كۆزىتىلدى ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى.

دۆلەت زېمىنى بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەدەنىيلىكى تومۇرداش بولۇش ئېنىق، مۇستەھكەم تارىخىي ئاساسىي لىنىيە. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى بولۇپ كەلدى.

سەلتەنەتلىك ۋە ئۇلۇغۋار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى، شانلىق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»دا ۋاقىت ئوق سىزىقىنى بويلاپ ئۇزاق يىللىق ئۆزگىرىش ئىزلىرى رەتلەپ چىقىلىپ، ھەقىقىي تارىخىي مەنزىرە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق بىر ئاساسىي پاكىت ئېنىق ئىسپاتلاندى: شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

بۇ، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نىڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىشى، ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب، شۇنداقلا بۇ كىتابنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان تارىخىي ئىشەنچ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تارىخىي كىتابتا ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، يامانغا زەربە، ياخشىغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق، تارىخىي قويۇق تۇمانلار سىستېمىلىق تۈگىتىلىپ، تۈرلۈك خاتا تارىخىي تونۇشلار يوقىتىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەسلىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بىمەنە سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى.

تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.