ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئالىي مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئالىي مائارىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، نۇقتىلىق كەسىپلەر، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ئالىي مائارىپنى يولغا قويۇش كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش پەيتىدە، ئەركىن تۇنىياز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانىلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى ھەم يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئوقۇتۇشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى ياخشى ئۆتۈپ، مەكتەپ مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى شۆيۈەنى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىپ قويماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو غەربىي يۇرت تەتقىقات مەركىزىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت پونكىتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەتقىقات بازىسى(قەشقەر داشۆ)غا كېلىپ، تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپلەپ نەتىجە يارىتىشىنى، چوڭ نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز قەشقەر شىنتوۋ توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كېيىنكى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ۋە مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش داۋامىدا ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ خۇاچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ياسىمىچىلىق كارخانىسى. ئەركىن تۇنىياز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق سېخىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىپ بازار ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: قەشقەر ۋىلايىتى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يىل بېشىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېلەر يىللىق تۈرلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، تەرەققىيات ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
نيې جۇاڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.






