تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2 - نۆۋەتلىك شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شېنجېندا ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ تيەنخۇڭ) «مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» باش تېما قىلىنغان 2 - نۆۋەتلىك شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى گۇاڭدۇڭ شېنجېندا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ھەمدە مەملىكەت سىرتىدىكى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ئەزىز مېھمانلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 130 كىشى قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇڭ دايۇڭ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەش شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇر قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، زامانىۋىلاشتۇرۇش دولقۇنىدا قانداق قىلغاندا ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانداق قانات يايدۇرۇش كېرەك، دېگەن مۇھىم تېمىغا جاۋاب بەردى. جۇڭگونىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەش ئەمەلىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت تەقدىم قىلدى. مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەشتە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى لۈ يەنسۇڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، تارقىتىش ۋە ئىپادىلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقى، ئىدىيە چوڭقۇرلۇقى ۋە دەۋر ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەدەنىيلىك شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ جىنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭدۇڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

خۇانەن سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خېڭيىن، ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى، بۇئېنۇس ئايرېس داشۆسى خەنشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نيۇ ۋاڭداۋ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئىلىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېن قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چوڭقۇر ئاساس قىلىپ، ئەنئەنە بىلەن ھازىرقى زامان، مىللەت خاراكتېرى بىلەن دۇنياۋىلىق ئوتتۇرىسىدا يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى. مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق.

بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى يېتەكچىلىك قىلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەمكارلىق تەتقىقات بازىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، خۇانەن سىفەن داشۆسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. يىغىن مەزگىلىدە «يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى تەسىرى» تېمىسىدىكى ئاقىللار ئامبىرى دوكلاتى ئېلان قىلىندى ھەم «يېڭى دەۋر ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى» «ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش» «مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت تارماق مۇنبەر ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.