تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش

− ئۈرۈمچى ئەقلىي ياسىمىچىلىق يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

تىيانشان ئېتىكىدە يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، «ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھەمبەھرە زاۋۇتلارنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىشى، AIنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقانلىقى، ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك «ئاقىل چوڭ مېڭە»گە ئايلانغانلىقىنى كۆردى، ئۈرۈمچى ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىق جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزماقتا.

AI كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا تايىنىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشتى

شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىدە، دورىلارنى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە كىرگۈزۈشتىن ئامباردىن چىقىرىشقىچە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەھسۇلات بىلەن ئۇچرىشىشى ھاجەتسىز بولۇپ، پۈتۈن جەرياندا ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان بولدى.

بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى كېئاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن تەرتىپتە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قۇتىنى قاتلاشتىن ساندۇققا قاچىلاشقىچە بولغان ھەممە تەرتىپنى ماشىنا بىلەك تاماملايدۇ. تەييار مەھسۇلاتلار ئاپتوماتىك ئۆتۈشمە كارىدور ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، ماشىنا بىلەك ئارقىلىق تىزىلىدۇ، ئاندىن ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان كىچىك ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئامبارغا ئاپتوماتىك كىرگۈزۈلىدۇ ۋە چىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %30تىن ئارتۇق ئاشتى.

شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدا 30 يىلدىن ئارتۇق يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچى»كارخانىسىغا ئايلاندى. «بۇنىڭ ئارقىسىدا كارخانىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى بار.» لى كېئاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز تىجارەت كىرىمىنىڭ %10ىنى پەن تەتقىقات سېلىنمىسىغا ئىشلەتتى ھەم زور كۈچ بىلەن كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى، ئۆزىدە بار بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، نۆۋەتتە كۈچكە ئىگە پاتېنتتىنلا 30 نەچچىسى بار.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈمەن چاقىرىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە، لىنىيە چارلىغۇچى خادىملار ئادەمسىز ئۇچقۇنى ئېلىپ لىنىيە يولى، مۇنار ئۇلى، كارىدور قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى. چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى شىركەتنىڭ بوشلۇقتا چارلاش مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا كۆرگىلى بولاتتى.

2018 - يىلى، بوشلۇقتا چارلاش مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن ئىستېرېئولۇق چارلاپ تەكشۈرۈش تەدرىجىي ھالدا ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئالدى. لىنىيە چارلىغۇچى خادىملار نەق مەيداندا ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىقلا، ئىنچىكىلەشكەن چارلاپ تەكشۈرۈش، كاشىلىنى تېز سۈرئەتتە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، يولنى چارلاپ كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولدى، چارلاپ تەكشۈرۈش كۆرۈنۈشى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئارقا سەپ سۇپىسىغا يوللىنىپ تۇرىدۇ. سۈرەتلەر قايتۇرۇپ يوللانغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار AI سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ، ئانالىز قىلىپ، 15 سېكۇنتتىلا بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپ تەكشۈرەلەيدۇ ھەم لىنىيەدىكى نۇقسانلارنى ئۆز ئالدىغا پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

«ئادەمسىز ئۇچقۇ ۋە AI سېلىشتۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا تۆت ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە ئاشۇردۇق ھەم ئېگىز بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىشتىكى بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش تەننەرخى ۋە توك توختىتىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە ئازايتتۇق» دېدى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش چەكلىك شىركىتى شىمالىي شىنجاڭ يۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چېن خۇي.

جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا «پۈتۈن زەنجىرلىك ماسلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش

شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ھەمبەھرە زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇراھال قېلىن تاختىلىق قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيىدە، ئىشچىلار ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئالدىدا تۇرۇپ، پىششىقلاش پارامېتىرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئېچىپ تەكشىلەش ئۈسكۈنىسى ئاپتوماتىك ھالدا بىر يۆگەم پولات ماتېرىيالىنى تۈزلەپ، بېسىپ، كېسىپ، ئىشلىتىلىش ئالدىدا تۇرغان پارچە - پارچە پولات تاختىلارغا ئايلاندۇرۇۋاتاتتى.

«ھەمبەھرە زاۋۇت ئادەتتىكى زاۋۇت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ساھەگە ئېچىۋېتىلگەن ئاممىۋى ياسىمىچىلىق سۇپىسى.» شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ تيەنشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرمىسىمۇ، بۇ خىل <بىرلىشىپ زاكاز چۈشۈرۈش> ئەندىزىسى ئارقىلىقلا ساھە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ.»

شىنجاڭدا جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرىنى خاس ئەۋزەللىك قىلغان، ئاپتوموبىل، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، نېفىت - نېفىت خىمىيە سانائىتى جابدۇقلىرى، ئېغىر تىپتىكى كان ماشىنىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان جابدۇق ياسىمىچىلىق سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

2025 - يىلى 10 - ئايدا، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇراھال قېلىن تاختىلىق قاچىلاش ئۈسكۈنىسى تۈرى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ بويىچە جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرغان تۇنجى ھەمبەھرە زاۋۇت بولۇپ قالدى. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى رايون جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ نوقۇل ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈن زەنجىرلىك ماسلىشىشقا قاراپ تېز سۈرئەتتە تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. «ئەگەر ھەربىر جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىسى ئۆزىنىڭ زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرسا، ئېنىقكى تىجارەت تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ھەمبەھرە زاۋۇتىمىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پىششىقلىسىلا، يېنىك مۈلۈك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» دېدى جاۋ تيەنشياڭ.

ھەمبەھرە زاۋۇتلارنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى شىنجاڭغا ماكانلاشتى. بۇ يىل ئىچىدە، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى پىرېسلاش، ماشىنىدا پىششىقلاش، سوقۇش - قۇيۇش - ياساش، سىرتقى يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ھەمبەھرە زاۋۇتلار ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۆز جايىدا يۈرۈشلەشتۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆستۈرۈلۈپ، تېخىمۇ زور بولغان كەسىپلەرنىڭ بىرىكىش ئۈنۈمى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

رەقەملىك يىپەك يولىدىكى يادرولۇق يۈكلىمە رايوننى تېز سۈرئەتتە شەكىللەندۈرۈش

شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى كۆرگەزمە زالىدا ئۈن ئېلىش قەلىمى، تەرجىمە ماشىنىسى، ماشىنا ئادەم، ئادەمسىز ئۇچقۇ قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەر سۈنئىي ھەمراھنى قوللىنىش، يۇمشاق ماتېرىيال - ئۇچۇر قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بولۇپ، ھەممىسى باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلاردىن كەلتۈرۈلگەنىدى.

«شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى شىنجاڭنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال - ئۇچۇر كەسپىنىڭ يادرولۇق يۈكلىمە رايونى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رەقەملىك مۇلازىمەت كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شياۋگاڭ. شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى «باشقۇرۇش كومىتېتى + شىركەت» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مەۋقەنى رايون ئورنى خاسلىقىغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جايدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈردى. باغچە رايونىغا 300دىن ئارتۇق رەقەملىك ئىقتىساد ھەم باغلىنىشلىق كارخانا توپلانغان بولۇپ، يۇمشاق ماتېرىيال - ئۇچۇر، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سۈنئىي ھەمراھنى قوللىنىش قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپ ئېكولوگىيەسى شەكىللەندۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن سانلىق مەلۇمات مەخسۇس لىنىيە كەسپىنى ئاچقان بولۇپ، شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى بۇ ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رەقەملىك يىپەك يولى يادرولۇق يۈكلىمە رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «شەرقىي قىسىمدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۈرۈمچى شەھىرىدە توپلاشتۇرۇش، پۈتۈن شىنجاڭدا قوللىنىش»تىن ئىبارەت كەسىپ لوگىكىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

ئەنخۇي - شىنجاڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسىدىكى «باغچە ئىچىدىكى باغچە» بولۇپ، باغچە رايونىنىڭ تۇنجى قارارلىق 1021P ھېسابلاش كۈچى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىشلىتىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. شىنجاڭ جۇڭكې لېيناۋ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى ھۈسەنجان مەمتىمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: باغچە رايونىدا قۇرۇلغان بىتايۈن ھېسابلاش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى، ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلمىدىكى ھېسابلاش كۈچى ئۈسكۈنىلىرى توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، غەيرىي قۇرۇلمىلىق ھېسابلاش كۈچىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەۋرىشىم تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە، ئۆزى قۇرغان ۋە تاشقى ھېسابلاش كۈچىنىڭ ئۇلىنىش كۆلىمى 5000Pدىن ئاشتى، دۇنيا بويىچە ئابۇنىچى سانى 50 مىڭدىن ئاشتى.

ۋاڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن كۆپ خىل تىلدىكى مەمۇرىي ئىشلار يۇمشاق ماتېرىيالى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سىستېمىسى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلاپ، رەقەملىك يىپەك يولى يادرولۇق يۈكلىمە رايونىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.