تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېسابات تالونىدىن ئۆزگىرىشكە نەزەر: 100 يۈەنلىك ئىستېمالدا يېرىمىغا يېقىن پۇلغا «ھېس قىلىش»نى سېتىۋېلىش

− شىنجاڭ ئىستېمالىنى كۆزىتىش (1)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.»

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 13 مىڭ 867 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.3 ئاشتى؛ ئوتتۇرىچە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمال چىقىمى %7.6 ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.7، بەھرىمەن بولۇش تىپىدىكى ئىستېمالنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %48.1 بولدى. بۇ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى ئىستېمال ھېسابات تالونىغا ئايلاندۇرغاندا شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھەر 100 يۈەنلىك ئىستېمال چىقىمىدا، تەخمىنەن 42 يۈەن مۇلازىمەت ئىستېمالىغا ئىشلىتىلگەن.

ئەمەلىي بۇيۇم تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ھەق تۆلەپ مۇلازىمەتنى ھېس قىلىشقىچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېغىرلىق مەركىزى بىر مەيدان چوڭقۇر «يۆتكىلىش»نى تاماملىماقتا: كىرىمنىڭ مۇقىم ئېشىشىنىڭ تىرەك بولۇشىدا، ئىستېمال ئەندىزىسى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، «تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىش» بارغانسېرى كۆپ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى.

ئىستېمال شەكلى «ئەلالىشىشقا يۈزلەندى»

ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشنىڭ تۆۋەن قاتلاملىق تىرىكى پۇقرالارنىڭ «ھەميان»ىنىڭ سىجىل تومپايغانلىقىدىن كەلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون ئاھالىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى، تىجارەت ساپ كىرىمى، يۆتكىمە ساپ كىرىمى، مال - مۈلۈك ساپ كىرىمىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك كىرىمىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك خىراجىتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندا، ئامما تېخىمۇ كۆپ خامچوتنى مەنىۋى جەھەتتە ھۇزۇرلىنىش، مەدەنىيەت - ئىستىراھەت ۋە خاسلاشقان مۇلازىمەتكە ئاجرىتىشنى خالايدۇ.

ئىستېمال قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەقىقىي نامايان بولدى، تېخىمۇ كۆپ ياش ئىستېمال جەريانىدا ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گۈلى ئابدۇرېشىت بىر خىزمەتچى بولۇپ، يېقىندا ئۇ بىر كۈمۈش بېزەك DIY ھۈنەرخانسىدا ئەتلەس نۇسخىسى ئويۇلغان ئاچقۇچ ئىلغۇچنى ئۆز قولى بىلەن ياسىدى، «تەييار مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئەلۋەتتە قولايلىق، لېكىن ياساش جەريانىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى تەييار مەھسۇلات ئالالمايدۇ.»

ئىستېمال قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشى يالغۇز شەھەر ياشلىرى ئارىسىدىلا بولمىدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.

سانجى شەھىرى گېڭدۇيۈەن سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلى چېن يۇڭچى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدىكى بارغانسېرى كۆپ ئائىلە ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈش شەكلىدىكى سەيلە قىلىش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدىغان بولدى، ئۇلار سەھرا ئەمگىكى، ئورمانلىقتا گۆھەر ئىزدەش، ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق چۆكۈش شەكلىدىكى تۈرلەرگە ھەق تۆلەپ قاتنىشىشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولدى. بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، باغچە رايونى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئوتتۇرىچە 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش خېرىدارلار ئېقىمىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق تۇتقىغا ئايلاندى.

ئەمەلىي بۇيۇم ئىستېمالى ئاساسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى، مۇلازىمەت ئىستېمالى تېزلەشتى، مۇقىم بولۇش ۋە تېز بولۇش ئارىلىقىدا، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى ھەقىقىي خاتىرىلەنمەكتە. كەڭ ئامما ئەمدى نوقۇل ھالدا «بۇيۇمغا ئىگە بولۇش»نىلا قوغلاشماي، ھېس قىلىش جەريانى ئېلىپ كەلگەن كەيپىيات قىممىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ئىستېمال شەكلىدە «يېتەرلىك بولسىلا بولىدۇ»دىن «تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش»كە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىستېمال ھالىتى «يېڭى بولۇشقا يۈزلەندى»

ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى يېپيېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈردى، بازار تەمىناتى ئېھتىياجغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ھەر خىل شەكىلدىكى ھېس قىلىش ئىستېمال ھالىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جايدا بارلىققا كەلدى. قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىن شەھەر سودا چەمبىرىكىگىچە، كوچىلاردىكى كىچىك دۇكانلاردىن يېزا - كەنت، سەھرالارغىچە، ساياھەت سۈرىتى چۈشۈش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك DIY، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، چۆكۈش شەكلىدىكى ئورۇنلاش سەنئىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، ئىلگىرى ئابستراكت بولغان ھېس قىلىش ئىستېمالى تۇتقىلى بولىدىغان، قاتناشقىلى بولىدىغان ئىستېمال ھالىتىگە ئايلاندى.

مېيتۇەن سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭدا ھېس قىلىش ئىستېمالى قىزغىنلىقى سىجىل ئاشقان، «پىندوۋ DIY»نى ئىزدەش قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئون ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقان، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ ساياھەت سۈرىتى چۈشۈشنى ئىزدەش قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن ئارتۇق ئاشقان. ئىستېمال خېلى بۇرۇنلا ئەمەلىي بۇيۇم تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بىر بۆلەك ئۆزگىچە كەچۈرمىش، بىر مەيدان چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش، بىر پارچە مەخسۇس ئەسلىمە ئىستېمال بازىرىدىكى يېڭى باش رولچىغا ئايلانماقتا.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دەل ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئىستېمالنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلغاندا، مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان ساياھەتچىلەرنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ ساياھەت سۈرىتى چۈشۈش قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر جەزمەن داكا قىلىدىغان تۈرگە ئايلاندى.

«مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ ساياھەت سۈرىتى چۈشۈش ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، بىز خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بىرگە بىر بۇيرۇتما مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز، بۇ، ئۆزگىچە گىرىم قىلىش - ياسىنىش، مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىش، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاش، قەدىمىي شەھەردىكى كىچىك دائىرىلىك نۇقتىلاردا مەنزىرە تاللاش ھەم ۋەقەلىكلەشتۈرۈلگەن كەيپىياتتا سۈرەتكە تارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەرنى پۈتۈن جەريانلىق چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ» دېدى قەشقەردىكى بىر ساياھەت سۈرىتى تارتىش ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ لىنا مۇخبىرغا.

ئۈرۈمچىدە، ئەتلەس زىننەت بۇيۇملىرى، ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى، ساپال بۇيۇملار، قوي يۇڭى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق ھېس قىلىش كىچىك دۇكانلىرى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرىكى ۋە پىيادىلەر كوچىلىرىغا تارقالدى.

ئۈرۈمچى تىيانشان ۋەنكې مەيدانى مۇيې جەنفاڭ ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جياڭ يۇڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ماركىمىز مۇرەككەپ قوي يۇڭى ھۈنەر - سەنئىتىنى پارچىلاپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان ھېس قىلىش تۈرىگە ئايلاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئىستېمال ئىلتىماس - تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ، «ھېس قىلىش ئارقىلىق جەلپ قىلىش، مەھسۇلات ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللاندى.

«شىنجاڭ قوزىسى»نى DIY قىلىش ئوخشاشلا زور مىقداردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئىستېمالچىلار ئۆز ئالدىغا زىننەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ، ماسلاشتۇرۇپ شەكىل چىقىرىپ، ئۆز قولى بىلەن مەخسۇس قورچاق قوزا ياسىدى. خېبېيلىق ساياھەتچى ما زىخاڭ مۇنداق دېدى: تەييار ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆز قولىمىز بىلەن ياسىغان قورچاققا مۇشۇ ساياھەت سەپىرىگە تەۋە ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ، نوقۇل ھالدا مال سېتىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن ھالقىپ چىقىپ، «مال سېتىۋېلىش + ھېس قىلىش» سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى تىيانشان ۋەنكې مەيدانىنىڭ بازار دىرېكتورى شۈ چاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: سودا سارىيىمىز ئوندىن ئارتۇق ھېس قىلىش تۈرىدىكى كەسىپ ھالىتىنى كىرگۈزۈپ، 2026 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 20 مەيداندىن ئارتۇق چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2000دىن ئارتۇق ئائىلىنى نەق مەيدانغا كېلىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، «ئېقىم مىقدارى»نىڭ «قالدۇرۇلغان مىقدار»غا ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى تاماملىدى.

ئىستېمال تەسىراتى «گۈزەل بولۇشقا يۈزلەندى»

ھەر يۈز يۈەنلىك ئىستېمالنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ھېس قىلىش ساھەسىگە سېلىنغان، بۇ، ئىستېمال ئادىتىدىكى ئاددىي ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش.

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىنچىكە ئېچىتىلغان پىۋا بايرىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى جياۋماجى يېگەچ، پىۋا ئىچتى، تۆت - بەش يېقىن دوست ئۇچرىشىپ دالا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.

«پىۋا بايرىمى ئاۋات شەھەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ، كوچا بويىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ شياۋخۇا.

ئۈرۈمچى خۇڭشەنخۇڭ باغچىلاشقان مودا ئېقىم سودا رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئوۋياڭ رۇندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك پىۋا بايرىمىغا جەمئىي 23 زاۋۇت ۋە ماركا تەكلىپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 21ى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن، ئىككىسى شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانا، ئۇلار كۆپ خىل ئىنچىكە ئېچىتىلغان پىۋا ئېلىپ كەلدى، «شىنجاڭ چوڭقۇر ھاراق مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، ئىنچىكە ئېچىتىش مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، پائالىيەت كۆپ خىل ئىنچىكە ئېچىتىش ماركىسىنى كىرگۈزۈپ، بۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارغا يېپيېڭى ئىستېمال تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.»

ھەربىر پارچە ئىستېمال تالونى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئىزنالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىي بۇيۇمغا ئىنتىلىشتىن گۈزەل تەسىراتقا ئىنتىلىشكىچە، شىنجاڭ ئىستېمالىدىكى بۇ مەيدان ئالاھىدە «كۆچۈش» پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتا.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى چيۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ھېس قىلىش ئىستېمالىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ئۇلى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدا، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنىڭ سىجىل مۇكەممەللىشىشىدە. ئاممىنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشقاندىلا، ئاندىن ئىستىراھەت - كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەتتىن بەھرىلىنىش، كەيپىيات قىممىتى ئۈچۈن پۇل خەجلەش شارائىتى بار بولىدۇ. تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھېس قىلىش ئىقتىسادىمۇ زور بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور مىقداردا يېپيېڭى ئىش ئورنىنى بارلىققا كەلتۈردى. ساياھەت سۈرىتى تارتىش خىزمەت ئىشخانىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھۈنەرخانىسى، چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرى ھەممە جايدا بارلىققا كەلدى، نۇرغۇنلىغان يۇرتىغا قايتقان ياش، شۇ جايدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز جايىدىكى بايلىقنى بازارلاشقان مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ئىستېمال ئۇچى بىلەن تەمىنلەش ئۇچىدا قوش يۆنىلىشلىك ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشى، بازار تەمىناتىنىڭ سىجىل يېڭىلىنىپ ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، ھېس قىلىش ئىستېمالى مۇقەررەر ھالدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىپ، شىنجاڭ بويىچە ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.