تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | چەرچەن: يۇلغۇن چېچەكلەپ، چۆل-باياۋان رەڭدار تۈسكە كىردى

    ئاپتور: تاھىرجان قۇربان، ئالىم تۇردى

   9-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىدا، 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق يۇلغۇن بەس-بەستە ئېچىلىپ،خۇددى گۈزەل شەپەققە ئوخشاش قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قەيسەر ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەتراپتىكى كۆپلىگەن ئامما بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىپ ساياھەت قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، قۇملۇقتىكى گۈل دېڭىزىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. يۇلغۇن شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇپ، شۇ جايدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چەرچەن دەرياسى ۋادىسى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، رايون ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

    «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.