تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ھېسابلاش كۈچى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى  ياشلىق ئۇنىڭغا ھەمدەم بولدى

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قاراماي كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى مۇلازىمېتىر چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئاسراش خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، كېيىنكى مەزگىللىك ئۈسكۈنە ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، سىلۇ شىنيۈن يېشىل ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ تېخنىكا ئۆمىكىدىكىلەر AI قىسقا تىياتىرىنى چۆرىدەپ تېخنىكا مۇھاكىمىسى ئېلىپ بارماقتا.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قاراماي كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىمى يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، قاراماي كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىمى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق سوۋۇتۇش تەجرىبىخانىسىدا مۇلازىمېتىر سوۋۇتۇش سۇيۇقلىقىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، سىلۇ شىنيۈن يېشىل ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىملىرى ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ باتارېيە ئۆيىنى چارلىماقتا.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، قاراماي كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىملىرى ئىشتىن چۈشۈپ سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىن چىقماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى

   8-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 2دە، 25 ياشلىق يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىمى لياۋ يۈەنبو قاراماي كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كومپىيۇتېرخانىسىدا كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئۇ ئېڭىشىپ يۈرۈپ، ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىش پارامېتىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىش ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈپ، تۇرۇبا لىنىيەسى، ئۇلاش ئېغىزى، سوۋۇتۇش سىستېمىسىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگەتتى.

   بۇ چاغدا، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ چىراغلىرى يوپيورۇق بولۇپ، ئالتە چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنى يۇقىرى سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى مۇقىم ھېسابلاش كۈچى تىرىكى بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى.

   يېرىم كېچىگىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئورنىدا ئالمىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىش، 24 سائەت ئىش ئورنىدا بۇيرۇق كۈتۈش كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى بۇ 30 نەچچە نەپەر ياشتىن تەشكىللەنگەن ئاسراش ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت كارتىنىسى. «سىستېمىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى يۇقىرى، كاشىلا زەنجىرى ئۇزۇن، باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دىققەت قىلىپ بىلەن تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى شىركەتنىڭ IT ئاسراش دىرېكتورى ئوۋ ياڭتاۋ.

   كاربون ۋە پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى شەرقىي رايوندىكى AI ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، بۇلۇتتا ساقلاش، كىنو-تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىگە تۈس بېرىش قاتارلىق ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تولۇق تاختىلىق سۇيۇق سوۋۇتۇپ ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى قوللىنىلغان چوڭ تىپتىكى يېشىل سانلىق مەلۇمات مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر شۇ جاينىڭ قۇرغاق، تەبىئىي سوغۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە PUE (ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچى، سانلىق قىممىتى بىرگە قانچە يېقىنلاشسا، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسىنىڭ شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ)نى 1.1 ئىچىدە مۇقىم كونتىرول قىلدى. ئەنئەنىۋى شامالدا سوۋۇتۇش ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ تۈردە ئومۇمىي جەھەتتىن %30 ئېنېرگىيە تېجىلىدىغان بولۇپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېنېرگىيە سەرپىياتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

   كاربون ۋە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان سىلۇ شىنيۈن يېشىل ھېسابلاش كۈچى مەركىزى ئوخشاشلا پۈتۈن كۈن مۇقىم ئايلىنىشنى ساقلىدى. 24 ياشلىق يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىمى لى ۋېي مۇلازىمېتىر ئاپپارات ئۆيىنى چارلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، نازارەت قىلىش تېرمىنالىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئېكراندا ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى تەپسىلىي كۆردى.

   «بىز ھەر تۆت سائەتتە ئاپپارات ئۆيى، باتارېيە ئۆيى قاتارلىقلارنى بىر قېتىم چارلاپ تەكشۈرىمىز، بىر قېتىمدا 10 مىڭ قەدەم پىيادە ماڭىمىز، نەچچە مىڭ مۇلازىمېتىر 24 سائەت يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ، ھەرقانداق بىر ئۈسكۈنىدە كاشىلا كۆرۈلسە، كەسىپتە داۋالغۇش بولۇشى ۋە ھېسابلاش كۈچى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن» دېدى لى ۋېي. نۆۋەتتە، سىلۇ شىنيۈن يېشىل ھېسابلاش كۈچى مەركىزىدە 480 يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئاپپارات ئىشكاپى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئومۇمىي ھېسابلاش كۈچى P5000دىن ئاشتى.

   بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى رايونىغا 65 مىڭ ئۆلچەملىك ئاپپارات ئىشكاپى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش كۈچى كۆلىمى 17 مىڭ Pنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھېسابلاش كۈچىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى، غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. چۆل-جەزىرىدىكى ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى بۇ بىر توپ ياش يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە بەدەل تۆلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار چۆل-باياۋاننىڭ تەدرىجىي تۈردە رايون رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.