تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ!

كۈز كىرگەندىن كېيىنكى تىيانشان بوغدا كۆلى زۇمرەتتەك سۈزۈك تۈسكە كىردى

كۆل بويىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا بىر قاتار ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى

چىرىشتىن ساقلىنالايدىغان ياغاچ ئاسما يول ياتقۇزۇش

سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى ئېرىتىپ ئۇلاش

ئېلېكتر تۇرۇبا تورى مەشغۇلاتى

ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

نۆۋەتتە

  سانجى ئوبلاستى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا

  ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ

  يېڭى ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا!

  ھازىرغا قەدەر

  تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ

  ئۇل ئەسلىھە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى (2-قارارلىق)نىڭ

  ئومۇمىي قۇرۇلۇش سۈرئىتى %70 تاماملاندى

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 12-ئايدا قۇرۇلۇش ئاخىرلىشىدىكەن

شۇ چاغدا

  مەنزىرە رايونىنىڭ سەيلە-ساياھەت تەسراتى ۋە مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنىڭ

  ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن

  تىيانشان بوغدا كۆلى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىل بويى شيېچېڭ APPسى شىنجاڭدىكى چوقۇم داكا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرى تىزىملىكىدە ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، بۇ جاي سانجى ئوبلاستىدىكى يادرولۇق مەدەنىيەت-ساياھەت يەر بەلگىسى، شۇنداقلا يەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بۇ قېتىمقى 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش داۋاملاشما قۇرۇلۇش بولۇپ، جەمئىي 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى كۆلنى بويلىغان پىيادىلەر يولىنى ئۆزگەرتىش، ئاساسلىق مەنزىرە رايونىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دېڭگەنشەن تېغى رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلنى بويلىغان پىيادىلەر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7.796 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر، دەرىجسى ئۆستۈرۈلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6.328 كىلومېتىر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنىڭ دېڭگېنشەن تاغلىق رايونىغا ئالاقىدار ئۇزۇنلۇقى 4.2 كىلومېتىر. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ئومۇميۈزلۈك تولۇقلىنىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، 2-قارارلىق تۈرنىڭ ئاساسىي ئېچىش-قېزىش قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملاندى:

  ● كۆلنى بويلىغان ئايلانما پىيادىلەر يولىغا 3.8 كىلومېتىر دائىرىگە بېتون قۇيۇلدى، 2.4 كىلومېتىر پولات قۇرۇلما كەپشەرلەندى، 1.3 كىلومېتىر ياغاچ ئاسما يول ياتقۇزۇلدى؛

  ● سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدا 0.8 كىلومېتىر تۇرۇبا ئېرىتىپ ئۇلاندى، 0.65 كىلومېتىر تۇرۇبا ياتقۇزۇلدى؛

  ● ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا 4.2 كىلومېتىر كابېل ئورىكى قېزىلدى. تۈرلۈك تۈرلەر بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  1-قارارلىق تۈر شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى خەيدۇڭ-خەينەن سەيلە-ساياھەت پىيادىلەر يولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرى بولۇپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 2025-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە تەۋە، بۇنىڭغا 23 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ تۈردە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6.5 كىلومېتىر كېلىدىغان سەيلە-ساياھەت پىيادىلەر يولىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەش سىستېمىسى كىرگۈزۈلۈپ، دەم ئېلىش رايونىدا ئېنېرگىيە تولۇقلاش پونكىتى ۋە جىددىي چاقىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىپ، بوغدا كۆلى دوكى، ماياشەن ئاسما يولى قاتارلىق ئەسلىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، «كۆلنى ئايلىنىش + تاغقا چىقىش» ئىستېرېئولۇق ساياھەت تورى شەكىللەندۈرۈلدى. نۆۋەتتە، 1-باسقۇچلۇق تۈر قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۈتمەكتە.

  «شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.