تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سىن-سۈرەتتىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى | خېمىر ھەيكەل ھۈنىرىنى قوغدىغۇچى: غەيرىي ماددىي-مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئىتىنى مەھەللە، مەكتەپلەردە يىلتىز تارتقۇزىمەن

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، خۇەي يۈەنچېن خېمىر ھەيكەل ياسىماقتا.

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى جىنسې گۈللۈكى مەھەللىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنەرخانىسىدا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خېمىر ھەيكەل تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى خۇەي يۈەنچېن بىر سائەتلىك دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارام ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا تېخى پۈتمىگەن خېمىر ھەيكەل ئەسىرىنى داۋاملىق ياساشقا باشلىدى.

  «باش قىسمىنى يەنە بىر تۈزەشتۈرۈۋەتسەملا بولىدۇ» دېدى خۇەي يۈەنچېن خېمىر ھەيكەلنى ياسىغاچ.

خۇەي يۈەنچېن ياسىغان خېمىر ھەيكەل ئەسىرى (9-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

خۇەي يۈەنچېن ياسىغان خېمىر ھەيكەل ئەسىرى (9-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

   خۇەي يۈەنچېن كىچىكىدىنلا ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بارماق ئۇچى ئارقىلىق يارىتىلغان بۇيۇملارنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىگە مەپتۇن بولغان. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە خېمىر ھەيكەل بىلەن ئۇچراشقاندا، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشقا تايانغان، قايتا-قايتا ئىزدىنىش جەريانىدا ھەر كۈنى خېمىر يۇغۇرۇش، يىمىرىش، چىمداش، ئويۇش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى مەشىق قىلىپ، خېمىرنىڭ نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، شەكىل يارىتىشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى سىلىقلاپ، كۈن بويى مەشىق قىلغان.

   خۇەي يۈەنچېن يەرلىك مەدەنىيەتنى چوڭقۇر قېزىپ، كۆپ قېتىم قىزىل مىڭئۆيگە بېرىپ نەق مەيداندا ماتېرىيال توپلاپ، كۈسەن تام رەسىملىرى سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. ئۇ كۈسەن مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خېمىر ھەيكەل ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى خېمىر ھەيكەل ئىجادىيىتىدە ئەزەلدىن بار بولغان تېمىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كۆپ خىل مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى يۇغۇرۇپ، روشەن خېمىر ھەيكەل ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، خۇەي يۈەنچېن كۇرسانتلارغا خېمىر ھەيكەل ياساش ماھارىتىنى ھەمبەھرىلىمەكتە.

   «بىزنىڭ بۇ ھۈنەرخانىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ئاممىنى خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتۇرۇش» دېدى خۇەي يۈەنچېن مۇخبىرغا. ھۈنەرخانا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، خېمىر ھەيكەل ھۈنىرى بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكى دائىملىق تەسىس قىلىندى. تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بۇ يەردە خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگىنەلەيدىغان، شۇنداقلا بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت، ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ياسىيالايدىغان بولۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلدى. ھۈنەرخانىنىڭ جەمئىيەت تەسىر كۈچىنىڭ تەدرىجى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك زاكاز تالونلىرى ئۈزۈلمىدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇەي يۈەنچېن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەتمەكتە.

  خۇەي يۈەنچېن كوللېكتىپىدىكىلەر يەنە پۈتۈن شەھەردىكى 17 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇدا نەچچە يىل دەرسكە قاتنىشىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

خېمىر ھەيكەل ھەۋەسكارلىرى ھۈنەرخانىدا خېمىر ھەيكەل ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە (9-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

   بۈگۈنكى كۈندە، خۇەي يۈەنچېن خېمىر ھەيكەل ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش يولىدا 18 يىل چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى، مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئۆگىنەلەيدىغان ھۈنەر-سەنئەتكە ئايلىنىشى كېرەك. كېيىن ھۈنەرخانا مەھەللە بازىسىغا سىجىل تايىنىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، بازارغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت، ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خېمىر ھەيكەلدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي خەلق ئىچى ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا دەۋر ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.