تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

چىڭگېداخۇدا شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگىداخۇ يېزىسى چىڭخۇ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق شوخلا ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئوخشىغان شوخلىلار شاخلارغا لىق تولغانىدى، زامانىۋىلاشقان يىغىۋېلىش ماشىنىلىرى ئېتىزلاردا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، دەل جايىدا ئۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىللارغا قاچىلىدى.

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ماشىنىلاشقان يىغىۋېلىش ئۈسكۈنىسى مەشغۇلات قىلماقتا، يەتكۈزۈش تاسمىسى شوخلىلارنى يۆتكەش ئاپتوموبىلىغا يەتكۈزمەكتە.

  ئىلغار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، چىڭخۇ كەنتىنىڭ شوخلا مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى قوش ئۆسۈپ، شوخلا تېرىقچىلىقىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش، ئېتىز پەرۋىشىدىن تارتىپ ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  

  9-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ماشىنىلاشقان ئۈسكۈنىنى ھەيدەپ شوخلا يىغماقتا.

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ماشىنىلاشقان يىغىش ئۈسكۈنىسىنى ھەيدەپ شوخلا يىغماقتا.

  9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ماشىنىلاشقان شوخلا يىغىش نەق مەيدانى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.