تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» «تىيانشان كىتاب بازىرى»دا كۆرگەزمە قىلىنىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

   «ئاخىرى بۇ ئىككى كىتابنى كۆردۈم، ئىككى كۈندىن بۇيان، كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان نۇرغۇن ئالىمنىڭ تەۋسىيەسىنى كۆردۈم، ئوبدان بىر ئوقۇپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن.»  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى «تىيانشان كىتاب بازىرى» كىتاب ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش پائالىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىيانشان كىتاب بازىرى» دېيىلىدۇ)دە، خوتەن شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تاڭ يەنتىڭ «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى ئوقۇپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

   9-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىيانشان كىتاب بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا ئېچىلدى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك نەشرىيات بايلىقى بىلەن شىنجاڭدىكى نەشرىيات كۈچى بىر يەرگە جەم بولدى. يېقىندا بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابلار كىتاب بازىرىدىكى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان كىتابلارغا ئايلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ئوقۇپ چۈشىنىشى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىگە ياردەم بېرىدىغان بۇ ئىككى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇقنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى ئۈمىد قىلدى.

«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابلار «تىيانشان كىتاب بازىرى»دا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىدا كۆرگەزمە قىلىندى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ قېتىم «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»ناملىق كىتابنىڭ ھەر قايسىسىدىن 1000 پارچىنى شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشىغا قاتناشتۇرۇپ، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئىككى ئەڭ يېڭى كىتابنى شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى سۇپىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە يېقىنلاشتۇردى.

   تىيانشان كىتاب بازىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا، بۇ ئىككى كىتابنى مەخسۇس كۆرگىلى كەلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى: «مۇقاۋىسى ‹بەش يۇلتۇز چىقىپ شەرقتىن، ئامەت كەلدى جۇڭگوغا› دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىدىكى گۈل نۇسخسى ئىكەن». «ئىلگىرىكى شىنجاڭ تارىخى ئوقۇشلۇقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئىككى كىتاب ھەقىقىي چوڭقۇرلاشقان نۇسخىسى بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، مەزمۇنى پۇختا، تەپسىلىي ۋە ئېنىق، ئىلمىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە ۋە ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ». «بۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزنى توغرا ھەم چوڭقۇر تونۇشىمىزغا، يۇرتىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە، يۇرتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئوقۇشلۇق». «كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى مەسىلىسىنى توغرا تونۇشىنى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلدى». 

«تىيانشان كىتاب بازىرى» كىتاب كۆرگەزمە سۇپىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

   «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابلار يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا سېتىلىدۇ.

   بۇ قېتىمقى تىيانشان كىتاب بازىرىدا جەمئىي 189 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى تۆت نەشرىيات گۇرۇھى قارىمىقىدىكى 32 نەشرىيات، شىنجاڭدىكى يەرلىك 12 نەشرىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى 37 ھەر دەرىجىلىك نەشرىيات، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى قاتناشتى، جەمئىي 11 مىڭ 669 خىل، 46 مىڭ 913 پارچە كىتاب كۆرگەزمە قىلىندى، ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 90 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.