تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەت بويىچە «100 نەشرىيات 1000 مەكتەپكە بېرىش شىنجاڭ سەپىرى» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنىڭ خوتەن بېكىتى پائالىيىتى باشلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى) «بالىلار، كىمنىڭ سېھىرگەر بولغۇسى بار؟ قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار ___ مېنىڭ كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنىم، كىتاب ئوقۇش بىلەن يېزىقچىلىق ھەر ئىككىسىگە سېھىرگەرلىك يوشۇرۇنغان». 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بەي بىڭ «كىتاب ئوقۇشتىكى سېھىرگەرلىك ۋە يېزىقچىلىقتىكى سېھىرگەرلىك» دېگەن تېمىدا، «داڭلىق شەخسلەر دەرسخانىسى»دا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەش دەرسى ئۆتتى.

بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بەي بىڭ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

   خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇستاپا مەمەتئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بەي بىڭ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىتابقا راستتىنلا سېھىرگەرلىك يوشۇرۇنغاندەك ھېس قىلدىم، ئىلگىرى ماقالە يازسام نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالاتتىم، ھازىر تۇرمۇشنى قانداق كۆزىتىشنى بىلىۋالدىم».

   شۇ كۈنى، مەملىكەت بويىچە «100 نەشرىيات 1000 مەكتەپكە بېرىش شىنجاڭ سەپىرى» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنىڭ خوتەن بېكىتى پائالىيىتى مۇشۇ يەردە باشلاندى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن كەلگەن خادىملار، يازغۇچىلار، كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتكۈچىلەر نەق مەيدانغا يىغىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، كۆپلىگەن نەشرىيات بۇ مەكتەپكە كىتاب ئىئانە قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

   بۇ قېتىمقى پائالىيەت 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە داۋاملىشىپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى بەش مەكتەپتە كىتاب ئىئانە قىلىش، داڭلىق شەخسلەر دەرسخانىسى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

   پائالىيەت مەزگىلىدە يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭ، بەي بىڭ، غەيرەت ئاسىم، لى شيۇيىڭ، جۇ لىنچى، داڭلىق رىياسەتچى جۈ پىڭ قاتارلىقلار بالىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، خوتەن شەھىرى بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە بالىلار «جۇڭگو سۆزى» ناملىق نومۇرنى ئورۇنلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

   پائالىيەتكە جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات بازىسى)، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

   ئىگىلىنىشىچە، «100 نەشرىيات 1000 مەكتەپكە بېرىش شىنجاڭ سەپىرى» مەملىكەت خاراكتېرلىك كىتاب ئوقۇش كۇرسلۇق پائالىيىتى بولغان «100 نەشرىيات 1000 مەكتەپكە بېرىش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى»نىڭ شىنجاڭ بېكىتىدىكى كۇرسلۇق تۈر ئىكەن. بۇ پائالىيەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100دىن ئارتۇق نەشرىيات ئاپپاراتى، 1000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىققەتنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كىتاب ئوقۇش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامدا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدىكەن، بۇ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم كۇرسلۇق تۈر ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.