تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بەش 100» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە توپلانغان ئەسەرلەر 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشىدا نامايان بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، 2026-يىللىق «بەش 100» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە ئەسەر توپلاش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، 2026-يىللىق «بەش 100» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە ئەسەر توپلاش، باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. 

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

   بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات باشقارمىسى بىرتۇتاش پىلانلىغان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەت 7-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپ، مەھەللە، كۇتۇپخانا قاتارلىقلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى بەس-بەستە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بۇنىڭ بىلەن باش تېمىسى روشەن، شەكلى ھەر خىل، سەمىمىي ھېسسىياتقا تولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى.

   ھازىرغىچە، ئەسەر توپلاش پائالىيىتىدە 1251 پارچە ئەسەر توپلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە: كىتاب ئوقۇش باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت ئەسىرى 271 پارچە، كىتاب ئوقۇش باش تېمىسىدىكى ئىجادىي قىسقا سىن 381، كىتاب ئوقۇش مەزمۇنىدىكى ئىجادىي ھېكايە، ماقالە 301 پارچە، كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى چوڭقۇر زىيارەت قىلىش ئەسىرى 140 پارچە، «كىچىك ھەم گۈزەل» ئۆزگىچە كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى مىسالى 158 پارچە. نۆۋەتتە، بۇ پائالىيەت باھالاش باسقۇچىغا كىردى.

 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى كىتاب ئوقۇش باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى كىتاب ئوقۇش باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

   بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن نامايان قىلىندى. باھالاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان «بەش 100» ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا كۆرسىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.