تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر تال سورتلۇق ئۇرۇقلۇق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي ئېتىزلىرىنى «ئالتۇن»غا تولدۇردى

يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى

بىر تال سورتلۇق ئۇرۇقلۇق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي ئېتىزلىرىنى «ئالتۇن»غا تولدۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، مۇخبىر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرگەندە، كۆرگەزمە زالىدا، ئالتۇندەك سېرىق، توق بۇغداي، قوناق ئۇرۇقلۇقلىرى رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى؛ 160 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش تەجرىبىخانىسىدا، تېخنىك خادىملار ئاق خالات كىيىپ، ئۇرۇقلۇقنىڭ ساپلىق دەرىجىسى، پاكىزلىق دەرىجىسى، سۇ تەركىبى ۋە بىخلىنىش نىسبىتىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئۆلچەۋاتاتتى؛ ئاپتوماتلاشقان پىششىقلاش سېخىنىڭ ئاقما لىنىيەسى توختىماي ئايلىنىپ، خالتا ـ خالتا لاياقەتلىك سورتلۇق ئۇرۇقلۇقلار ئوراپ قاچىلىنىپ ھەرقايسى جايلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى... تەجرىبىخانىدا سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆلچەملەشكەن ئۇرۇقلۇق پىششىقلاشتىن، ئېتىزدىكى پۈتۈن جەريانلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتىگىچە، سورتلۇق ئۇرۇقلۇقلارغا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي ئېتىزلىرىدا يۇقىرى ھوسۇللۇق رېكورتنى سىجىل يېڭىلاشنىڭ شىفىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغدايدا ئۇزاقتىن بۇيان ھوسۇل جەھەتتە بوغما ھالەت ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى كونا سورتلارنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 500 كىلوگىرامدىن ئېشىشى ناھايىتى تەس ئىدى. «شىندۇڭ 60 ـ نومۇر»لۇق كۈزگى بۇغداي سورتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى: 2020 ـ يىلىدىن كېيىن كۆپ قېتىم 700 كىلوگىراملىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، 2025 ـ يىلى مو بېشى ھوسۇلىنى 800 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىل 100مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 826.22 كىلوگىرامغا، 1000مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 701.1 كىلوگىرامغا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بالدۇر پىشىدىغان كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا ئارقا ـ ئارقىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

«يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى سورتنىڭ ئەسلىدىنلا يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، مۇنبەت ئېتىز، ياخشى ئۇسۇلنىڭ ئورتاق كۈچ چىقارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.» جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گۇي يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەردى. 2013 ـ يىلى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بۇ ئۇرۇقچىلىق باشلامچى كارخانىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ «شىندۇڭ 60 ـ نومۇر»نى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، 2016 ـ يىلى رەسمىي بازارغا سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بۇغداي سورتىنى يېڭىلاش يولىنى ئاچتى.

ياخشى ئۇرۇق پەقەت «تېرىش»تىنلا كەلگەن ئەمەس، ئۇ يەنە بىر يۈرۈش مۇكەممەل، ئېھتىياتچان بولغان سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. جاڭ گۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز تۆت سۈپەت ئۆتكىلىنى بەرپا قىلدى: سەنپۇتيەن سورت يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇرۇق مەنبەسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى ساقلاپ، تېرىشتىن ھوسۇل ئېلىشقىچە بولغان پۈتۈن دەۋرىيلىك ئېتىز پەرۋىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەككە يىغىش، يەككە توشۇش، يەككە ساقلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سورتلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلاندى؛ ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش ھالقىسىدا پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى؛ ئۇرۇق دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر يۈرۈش ئېتىز تېخنىكىسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن يۈرۈشلۈك تەمىنلەپ، سورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش خادىملىرى پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ـ ئۆلچەپ، ئەنئەنىۋى تۆت تۈرلۈك تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى يەتتە تۈرگە كېڭەيتىپ، سۈپەتنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئامباردا ساقلاش، ئوبوروت قىلىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى.

سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشتە، تېخنىكا مۇلازىمىتى جەزمەن يېتىشىپ ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى ئالتە بالا شىركەت، 320 سودىگەر قۇرغان مۇلازىمەت تورىغا تايىنىپ، جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق شىركىتى يىل بويى تېخنىك خادىملارنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 2025 ـ يىلىلا دېھقانلارنى 110 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. «<شىندۇڭ 60 ـ نومۇر> بالدۇر پىشىدىغان سورتقا تەۋە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بولغان بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالىدىغان تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە ماس كېلىدۇ، لېكىن سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىش جەھەتتە ئادەتتىكى بۇغدايدىن پەرقلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دېھقانلارغا مۇۋاپىق پەيتتە سۇنى توختىتىش، ئىلمىي ھالدا سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاشنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى ئۆگىتىپ، سورت ئەۋزەللىكىنى ھوسۇل ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك» دېدى جاڭ گۇي.

نۆۋەتتە، «شىندۇڭ 60 ـ نومۇر»نىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا كېڭەيتىلگەن كۆلىمى 4 مىليون موغا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %45تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىقچىلىقىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سورتقا ئايلاندى، رايون بۇغداي بىرلىك ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى %90 يەرگە «شىندۇڭ 60 ـ نومۇر» تاللاپ تېرىلدى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 496 كىلوگىرام بولۇپ، ئەنئەنىۋى سورتقا سېلىشتۇرغاندا مو بېشى ھوسۇلى 40 كىلوگىرام ئاشتى، يۇقىرى ھوسۇللۇق يەرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 700 كىلوگىرامدىن مۇقىم ئاشتى. جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق شىركىتى يەنە «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» زاكاز ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆلەملەشتۈرۈپ تۈرتكە بولدى، 40 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى، مو بېشى كىرىمىنىڭ 240 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، يېقىن ئەتراپتا 420 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىم ھەل قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ بۇغداي كەسپىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق شىركىتى 300 مىڭ مولۇق ئۆلچەملەشكەن كۈزگى بۇغداي سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى، سەككىز زامانىۋىلاشقان ئۇرۇق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، يىللىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 100 مىڭ توننىغا يەتتى، ئون سورت يېتىشتۈرۈش پونكىتى، 6500 مو ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئورۇنلاشتۇردى، ئۆز ئالدىغا ھەم ئۆزىگە خاس تىجارەت قىلىدىغان سورتتىن 17سى بار بولدى، ئالتە يېڭى سورتنى زاپاس ساقلىدى. «شىندۇڭ 60 ـ نومۇر»نى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىللە، سورت يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىنى ئىنچىكە ئايرىش ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شورلۇق يەر، چۆل يەرلەرگە قارىتا شورغا چىداملىق بۇغداينى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆممىقوناق يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈش ۋە كېڭەيتىش كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى زاپىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»، ئۇرۇقچىلىق كەسپى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇل تېشى. «تاۋارلاشقان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورت يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق، پاختا سورتى تەمىناتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پەن ـ تېخنىكا بىلەن يېڭىلىق يارىتىلغان ھەربىر سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنىنى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا سىجىل مەۋج ئۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى جاڭ گۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.