تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تورى» قانداق قىلىپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ قىلىپ بەرپا قىلىندى

750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى

شىنجاڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تورى» قانداق قىلىپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ قىلىپ بەرپا قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن

8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر 660 × 2 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىرى 750 كىلوۋولتلۇق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى سانى ئەڭ كۆپ، لىنىيە مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىگە ئايلىنىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي غول ئېلېكتىر تورىنى بەرپا قىلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى ئاساسلىقى گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شەنشى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا تارقالغان. ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تورى» بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېيىلدى.

كۈچلۈك تور رامكىسى «پۈتۈن رايوننى ئۆزئارا تولۇقلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى

ۋاقىتنى 2008 ـ يىلىغا قايتۇرساق، 750 كىلوۋولتلۇق فېڭخۇاڭ − ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. 2010 ـ يىلى، 750 كىلوۋولتلۇق شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئاساسىي تورىنى تۇتاشتۇرۇش 1 ـ يولى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى رەسمىي تۈردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئېلېكتىر تورىغا قوشۇلۇپ، مول كۆمۈر ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 220 كىلوۋولتلۇق لىنىيەگە سېلىشتۇرغاندا، 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيەنىڭ يەككە قايتما توك يەتكۈزۈش سىغىمى بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە ئاشۇرۇلۇپ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئۇزۇن ئارىلىقتا، چوڭ سىغىمدا يەتكۈزۈش غول تومۇرى راۋانلاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە توك ئىشلىتىش يۈكىدە «شىمالدا مول بولۇش، جەنۇبتا كەمچىل بولۇش، شەرقتە كۆپ بولۇش، غەربتە ئاز بولۇش» تەتۈر يۆنىلىشلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەنىدى، 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورى رايون ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق زىددىيىتىنى تۈپتىن ھەل قىلدى. 2016 ـ يىلى، ئىلى − كۇچا Ⅰ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى؛ 2025 ـ يىلى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ھالقىسىمان تورغا ئايلاندى، ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئەندىزىسى قايتا بەرپا قىلىندى.

كۈچلۈك تور رامكىسىغا تايىنىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىرى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ـ يورۇقلۇق ئېلېكتىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولتى پۈتۈن رايوننى ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ توك يەتكۈزۈش كەسمە يۈز ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ توك يەتكۈزۈش كەسمە يۈزى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىگە ھالقىپ، ئىلگىرىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، توك بېسىمى تۇراقلىق بولماسلىق ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 39ى، لىنىيەدىن 120سى قۇرۇلدى، ئېلېكتىر تورىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 3300 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 2200 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغدىدى

15 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە چۆل ـ باياۋان، ئېگىز ۋە تىك چوققىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، تەبىئىي مۇھىتى مۇرەككەپ، يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىستېرېئولۇق چارلاپ تەكشۈرۈش + مەركەزلىك نازارەت قىلىش ـ تىزگىنلەش» بىر گەۋدىلەشكەن يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى ئادەمسىز ئۇچقۇدا ئۆز ئالدىغا چارلاپ تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن لىنىيە چارلاش، ئادەمسىز ئۇچقۇدا ئۆز ئالدىغا چارلاش، لىنىيەنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىغا تايىنىپ، 248 ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەخسۇس چارلاش لىنىيەسىنى تەستىقلىتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 360 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان توك يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى چارلىدى. پۈتۈن تورغا كۆرگىلى بولىدىغان كۆزىتىپ ئۆلچەش، مۇز قاپلاشنى مىقدارلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش، مىكرو مېتېئورولوگىيە بويىچە سىگنال بېرىش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش قۇرۇلمىسىدىن 9598 يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاشقى كۈچ سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ئىس ـ تۈتەك، غەيرىي ماددا قاتارلىقلارغا دائىر تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەكنى بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئالدىن سىگنال بېرىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ۋاقىتلىق، ھەر تەرەپلىمە، ئۆلۈك بۇلۇڭ بولمىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش مەشغۇلات ھالقىسىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان جابدۇقلار ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قوللىنىلدى. ئادەمسىز ئۇچقۇ AI ئەقلىي ئىقتىدارى ئارقىلىق لىنىيەدىكى 88 تۈرلۈك تىپىك نۇقساننى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، نۇقسانلارنى بايقاش نىسبىتى، توغرىلىق نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇردى، بۇ، لىنىيەنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالەتلەردە كەڭ قوللىنىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توكلۇق مەشغۇلات ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىپ، «ئادەمسىز ئۇچقۇ + كىچىك ئۇچار ئادەم» تەڭ ئېلېكتىر پوتېنسىياللىق مەشغۇلات ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، توك توختاتماي مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خادىملارنىڭ مەشغۇلات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، توك توختىتىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان توك سەرپىياتى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى.

پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يەتكۈزۈلدى

سىجىل مۇكەممەللىشىۋاتقان 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان سەككىز ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش لىنىيە» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى %30كە يېقىننى ئىگىلىدى. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 96 مىليارد 955 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.12 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 36 مىليارد 664 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.56 ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش نىسبىتى %37.82كە يەتتى. پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، سىجىل تۈردە غەربىي قىسىمنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە يېشىل تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلدى.

«15 ـ بەش يىل» باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىگە تايىنىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى دەرىجىدىن تاشقىرى ـ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ رايونىدىن ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونىغا ھالقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، شىنجاڭ 38 تۈرلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتتى، 11 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاپ، 1917 كىلومېتىر كېلىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيەنى يېڭىدىن قۇرۇش، تىرانسفورموتور سىغىمىنى يېڭىدىن 25 مىليون 500 مىڭ كىلوۋولت ئامپېر كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. ھازىر، ئىلى − كۇچا، خوتەن − نىيە − چەرچەن − چاقىلىقⅡقايتما 750 كىلوۋولتلۇق قۇرۇلۇشىدا تۆمۈر مۇنارنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، چاقىلىق − بۆكەن 750 كىلوۋولتلۇق سىرتقا يەتكۈزۈش ئۆزگىرىشچان توك يولىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ سىم تارتىشى ئالغا سىلجىتىلدى، سەنتاڭخۇ − مېيگۇيچۈەن 750 كىلوۋولتلۇق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، بىر قاتار نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي غول تور رامكىسىنى سىجىل تولۇقلىماقتا، كۈچەيتمەكتە.

2030 ـ يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا «ئۈچ ئۆزگىرىشچان توك يولى، ئالتە تۇراقلىق توك يولى» سىرتقا يەتكۈزۈش ئاساسىي تور رامكىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ 60 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. كەلگۈسىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى ـ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك بىلەن تۇراقلىق توك ئارىلاش ئۇلانغان، ئىچكى تەمىنلەش بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈش ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك غول ئېلېكتىر تورى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇپ ھەم كەڭ كۆلەملىك شامال، يورۇقلۇق يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ چۆللۈكتىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى سىجىل پۈتۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.