− خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ رۇيچىڭ، جاڭ يۈەن
«ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي يۆنىلىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.» 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زىممىسىگە ئالغان دەۋر بۇرچىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. كۆپلىگەن دۆلەتتىكى زاتلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ كەڭ ئورتاق ساداسىنى ئۇرغۇتتى.
تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش
«ئەڭ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، قەدەممۇقەدەم دۇنيادىكى يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور يېڭىچە رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى؛ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى شۇكى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت <شاڭخەي روھى>نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭغا باشتىن ـ ئاخىر ئەمەل قىلدى؛ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق تەجرىبىسى شۇكى، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 ـ تەرەپكە قاراتماسلىقتىن ئىبارەت توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ماكان بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.» رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىق قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى.
قىرغىزىستانلىق سىياسىيشۇناس مارس سارىيېف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ «ئەڭ» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلىپ زورىيالىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن نېمىگە تايىنىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە دەل جايىدا جاۋاب بەردى.
رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپسىزلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«بۇ <تۆتتە چىڭ تۇرۇش> رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس بىلەن تومۇرداش بولۇپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك، مەدەنىيەت، ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ.» مىسىر كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، دۇنياۋى كېلەچەك تەتقىقات مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامىر راشاد مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە مەۋقە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا قويۇلدى، بۇ، خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
بۇلتۇرقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل(2026 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)لىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» ماقۇللاندى. بۇ يىلقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىقى بىشكەك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، ئەزا دۆلەتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا تەكىتلىدى.
«تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.» قىرغىزىستانلىق ئىقتىسادشۇناس تولۇنبېك ئابدىروف مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ جەرياندا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ پەرقلەردىن ھالقىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولدى ھەم ئورتاق تونۇشنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياد سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇل ئەزىز سابانى مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئىزچىللىق ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى چىڭىتىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.»
تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق پىلانلاپ، تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى ئورتاق قوغداش
تيەنجىن شەھىرىنىڭ ۋۇچىڭ رايونىدىكى «رۇسىيە بىناسى» كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا، رۇسىيەنىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. 2026 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، رۇسىيە يېمەكلىك سانائىتى بىرلەشمە گەۋدىسى چەكلىك شىركىتى بۇ جايدا تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى.
«رەئىس شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا تيەنجىندە جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پورت ئىقتىسادى ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ مەركەزنىڭ يوپۇقى تيەنجىندە رەسمىي ئېچىلدى، بۇ خىل سۈرئەت بىزنى ھەيران قالدۇردى.» شىركەت ۋەكىلى ئامىنە بەيگازىئېۋا مۇنداق دېدى: بۇ مەركەز كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
دېگىنىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغان «جۇڭگو سۈرئىتى» دەل جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن 13 پارچە نەتىجە ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ، 100 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 40 تۈرنى يولغا قويۇپ، ئۇزۇن ھەرىكەت تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى.
رۇسىيە − تاجىك سىلاۋىيان داشۆسى جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۈزەل مەيتدىنوۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تۈرتكىسىدە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئورتاق تونۇشنى مېخانىزم ۋە تۈرلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزمەكتە.
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە 100 پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆزبېكىستانلىق خەنشۇناس شافقەت ئالىمبېكوف مۇنداق دېدى: «بۇ مۇھىم تەدبىرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.»
مىسىر لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى تۇنجى قاراردا پۈتكۈزگەن ئىبراھىم ماھېر تيەنجىندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساسىي مائارىپ ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ماھېرنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياشلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر، يېڭى مائارىپ ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئۆگىنىش، ماھارەت ئىگىلەش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
بۇلتۇرقى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى قاتارلىق «تۆت خەۋپسىزلىك مەركىزى»نىڭ يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولغانىدى. بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «تۆت خەۋپسىزلىك مەركىزى»نى بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىندىستان تەسىرات تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى روبىندېر ساچدېۋ مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئورتاق تونۇشىنى مېخانىزم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە تور تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش
«<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى> ئارقىلىق ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش» «<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەقىل ـ پاراسىتى> ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش» «<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى> ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش» − رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىلقى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا ئۈچ نۇقتىلىق مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپ دۆلەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بۇ ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇستا دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتى كۆزلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتىكى كۈچەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپ ئېشىش قۇتۇپىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك»، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جانلىق بايانى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو ۋە ھازىرقى زامان ئاسىيا تەتقىقات ئورنى سىياسىي تەتقىقات ۋە مۆلچەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى پاۋېل تىروشىنسكىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «بۇ تەشەببۇس رايون ئىچىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇدۇللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق ھالدا ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىدۇ» دېدى ئۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدا يىلتىز تارتتى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىغا رىشتە باغلىدى. كامبودژا خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن پىڭ مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +»دىكى ھەمراھلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
«بۇ خىل ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ئەندىزىسى كامبودژا قاتارلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ باراۋەر قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى جىن پىڭ.
بىر يىل ئىلگىرىكى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دەل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىلقى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى دىققەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈپ پىرىنسىپ، مۇقەررەر تەلەپ، ئاچقۇچلۇق يول، تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەمدىن باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايانلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە دۇنيانىڭ قانداق كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» بېلارۇسىيە بېلارۇسىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىنا گرىشكېۋىچ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدا ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى، خەلقئارا قانۇن ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىپ، «تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا ئەندىزە»نى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تۈرتكىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق، كېڭىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)






