تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دەۋر . خەلق . مەدەنىيلىك

− جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىدىيە ئىلھامى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، ما جويەن، دۇڭ شۆ

ئوتتۇرا ئاسىيا بىپايان ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر بۇ جايدا ئالماشتۇرۇلۇپ، يۇغۇرۇلۇپ كەلگەن؛ ئوتتۇرا شەرق ئىككى ئوكيان، ئۈچ قىتئە، بەش دېڭىزنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن.

بۈگۈنكى دۇنيا تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلدى، ئىنسانلار نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا.

تارىخنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە، 2026 ـ يىلى باش كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ تاغ ـ دېڭىزلاردىن ھالقىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم قىرغىزىستان، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دەۋر ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە دۇنيانىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى قوشۇپ، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنياغا چوڭقۇر ئىدىيە ئىلھامى ئېلىپ كەلدى.

(1) دەۋر

يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەكتە، دەۋر بوران ـ چاپقۇنلىرى كۈچەيمەكتە.

يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسى ئوڭۇشسىزلىق داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، كىشىلەر ئېگىزدە تۇرۇپ كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان ئىدىيە يېتەكچىلىكى، تارىخىي يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى چاقىرماقتا.

«دۇنيا قانداق كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ئېھتىياجلىق» «ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قانداق قاتنىشىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن مۇشۇنداق دەۋر تېمىسىغا قارىتا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو جاۋابىنى بەردى: «جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ.»

«ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش تۈپ پىرىنسىپ» «تەڭپۇڭ، تەرتىپلىك بولۇش، قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش مۇقەررەر تەلەپ» «كۆپ تەرەپچىلىك، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئاچقۇچلۇق يول» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشى»...

تىيانشان ئېتىكىدە، بەخت سارىيىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تۆت ئۆلچەمدىن چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان توغرا تاللاش چىقىرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

پارلاق داغدام يولدا، سەپەر بىر ـ بىرىگە ئۇلىشىپ داۋاملاشتى.

بىر يىل ئىلگىرى، خەيخې دەرياسى بويى، تيەنجىن مېيجياڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا تەشەببۇس قىلىنغان يۆنىلىش دەل باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئېلان قىلىشىدىن، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھۆججەتلەرگە كىرگۈزۈلۈشىگىچە؛ «دۇنياۋى ئىدارە قىلىش دوستلار گۇرۇپپىسى»نىڭ نيۇيورك، جەنۋە، ۋيېننادا ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلۇشىدىن، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شاڭخەيدە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىشىگىچە... دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسى بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولدى.

قىسقىغىنا بىر يىلدا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى قانداق قىلىپ 160قا يېقىن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئالقىشى ھەم قوللىشىغا ئېرىشتى؟ بۇنىڭ جاۋابى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، تەرەققىيات يولىدا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەر چوڭ ـ كىچىك، كۈچلۈك ـ ئاجىز، باي ـ نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا سەھنىسىدە باراۋەر بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىغا مۇجەسسەملەنگەن.

دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلىنىشىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىشىغىچە؛ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىشىدىن باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىلگىرىلەش كۈچىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىگىچە...

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ تارىخىي نەزەرى بىلەن، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىمى، دۇنيا ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ ئەندىزىسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسى ئارقىلىق، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىن ئىككى تەرەپلىك پائالىيەتلەرگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى:

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق ـ دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى مۇقىملاشتۇردى؛ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى...

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى كۆزىتىپ پىكىر يۈرگۈزسەك، بىر پاكىت بارغانسېرى ئايدىڭلىشىدۇ: تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، دەۋر چوڭ دولقۇنى كۈچلۈك مەۋج ئۇرماقتا، جۇڭگونىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت كۈچى بارغانسېرى دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

چوڭ ئەندىزە ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق چوڭ دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەقدىر ـ قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولنى بويلاپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

(2) خەلق

بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىچكى ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ، دىپلوماتىيەدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. «خەلق» دېگەن سۆز جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭى.

شۇ جاي ۋاقتى 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. قىرغىزىستان خەلقىنى يېتەكلەپ «يېڭى قىرغىزىستان» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇڭتۇڭ جاپاروف چىن قەلبىدىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىلمەن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ھېسسىياتىنى ئۆگىنىشنى خالايمەن.

«سىز دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدىڭىز.» شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى كۆرۈشۈشتە، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف رەئىس شى جىنپىڭغا شۇنداق دەپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

خەلقچىل ھېسسىيات كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. چۈنكى ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن چىن ھېسسىياتى ۋە ساداقەتمەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا بۇ خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ ئوخشاشلا دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر ـ ئىناقلىقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئالغانلىقىدىن بولغان.

«جۇڭگو ـ قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش» «دۇنيا تارىخىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئورتاق پۈتكەن» «تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈش»... ئىككى تەرەپلىكتىن كۆپ تەرەپلىككىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىشكەك ۋاقتى»غا «خەلق» دېگەن بۇ ئاچقۇچلۇق سۆز باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مىسىردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى. كىشىلەر مۇنداق يازما مەزمۇنلارغا دىققەت قىلدى −

جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ «قەدىر ـ قىممىتى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش» تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ، ئۇنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارايدۇ. مىسىر تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ، «بۇ تەشەببۇستىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا داۋاملىق تۈردە پائال قاتنىشىدۇ».

ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە، گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىيات يولى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىر ـ بىرىگە زىچ تۇتاشقان. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يادرولۇق ئىدىيەسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن قىممەتنى قەتئىي ساقلاش بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى باشتىن ـ ئاخىر ئىللىقلىققا، مېھىر ـ مۇھەببەتكە، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە قىلدى.

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يېزا ـ كەنتلەرگە بېرىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى زىيارەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئالدىنقى سېپىنى ھېس قىلدى... جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىجابىي باھاسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئىشەنچىنى ئاشۇردى، پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

«دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلىشتا بولسۇن ياكى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى نىشان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشەنچ ۋە مۇقىم كۆزلىمە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭ «ئىدارە قىلىش»نىڭ چىن مەنىسىنى شۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى.

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلىدى، خەلققە زىچ تاياندى. خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، پۇقرارلارغا رىشتە باغلىغان بۇ قىممەت ئىنتىلىشى جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسىنى تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىتىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، كەڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشقا ئېرىشتۈردى.

(3) مەدەنىيلىك

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرى قويۇق مەدەنىيلىك ئاساسىي رېڭىنى بېيىتتى.

بىشكەك ماناس خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئالايىتەن سېلىنغان كىگىز ئۆينىڭ يېنىدا، قەدىمىي چالغۇ قۇمۇزنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى، ئالتۇن رەڭ بۈركۈتلەر قانىتىنى يىغىپ بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ بىلىكىدە تۇردى، ساۋۇت ـ دۇبۇلغىلىرى پارقىراپ تۇرغان ئاتلىق مۇھاپىزەت ئەترىتى سەپ بولۇپ تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى... قىرغىزىستان خەلقى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيلىكى خاسلىقىغا ئىگە بىر مەيدان كاتتا كۆرگەزمە ئارقىلىق شەرقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتى ياراتقان مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىگە بولغان ئىشەنچنى نامايان قىلىش ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىككە باراۋەر ھۆرمەت قىلىش ۋە چىن قەلبتىن زوقلىنىش بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان. قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە گۇۋاھ بولغان قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدە توختالدى، جاڭ چيەن، شۈەنزاڭ، لى بەي قاتارلىق تارىخىي داڭلىق شەخسلەرنىڭ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مەدەنىيلىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئائىت ئېسىل داستانلار ئۈستىدە توختالدى، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قەدىرلەش ھېسسىياتىنى جانلىق نامايان قىلدى.

ئەزىم دەريالار كېچە ـ كۈندۈز توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋە نىل دەرياسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكىنى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭگو ـ مىسىر دوستلۇقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ سۆھبىتى.

مىسىردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى زۇڭتۇڭ سېسى ۋە رەپىقىسىنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن مىسىر چوڭ مۇزېيىدىن ئىبارەت مىسىرنىڭ بۇ ئالىي مەدەنىيەت سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. گىسا ئېگىزلىكىدە، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پىرامىدا توپى بىلەن ھەيۋەتلىك مىسىر چوڭ مۇزېيى يىراقتىن بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مۇزېيدا چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، سەمىمىي، كەڭ ـ كۇشادە پاراڭلىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىدا بەلگە خاراكتېرلىك دەقىقىلەرنى قالدۇردى.

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ «ماناس» قاتارلىق دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىدىن جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مائارىپ، ساياھەت، پەن ـ تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغىچە... دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو سەمىمىي، دوستانە قىياپەتتە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىغا ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق قوشتى.

مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

بۇ قېتىمقى سەپەر مەزگىلىدە، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا زوقلىنىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرگە شۇنى بىلدۈردىكى: مەدەنىيلىك توقۇنۇشى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئەمەس. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، چىن قەلب بىلەن دوستلىشىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ قارشىلىشىش لوگىكىسىدىن تامامەن ھالقىپ چىقىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىكى ھەربىر قېتىملىق ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئەسلىگىنىمىزدە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىمىز.

تاغلىرى ياپيېشىل دۇجياڭيەندە، ئەجدادلارنىڭ «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللىنىش، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلىشىش، سۇنى تىزگىنلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» ئۇلۇغ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان تيەنتەندە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم قارىشى ۋە جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى نامايان قىلىنغان... ھەربىر قېتىملىق چوڭقۇر مەنىلىك مەدەنىيلىك سۆھبىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قويۇق مەدەنىيلىكى دۇنياغا چەكسىز ئىدىيە ئىلھامى بېغىشلىدى.

تارىخ رېئاللىقنىڭ ئېقىن سۇ مەنبەسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پۈتكۈل جاھان بىر ئائىلە بولۇش، دۇنيا ئېجىل ـ ئىناق بولۇشقا ئىنتىلىشى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش، ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئەنئەنىسىنى چۈشەنگەندە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كەڭ قورساقلىقى ۋە بۇرچىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى دۇنياغا ئىلھام بېغىشلىدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ دەۋر دولقۇنىدىن قەتئىي ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات پاراخوتىنىڭ پارلاق قىرغاققا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.