شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش داۋامىدا، جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ئېنېرگىيە ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، پۇرسەت بىلەن خىرىس ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.






