تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدى، يول يىراق بولسىمۇ قەتئىي بوشاشماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم قىرغىزىستاندا، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو بېيجىڭ − قىرغىزىستان بىشكەك − مىسىر قاھىرە، بۇ مۇساپە ئاسىيا - ئافرىقا ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىسىدا ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ياي سىزىق ھاسىل قىلدى.

فارفۇر ۋە يىپەك بۇيۇملار قاچىلانغان كېمىلەر دېڭىزدا توختىماي مېڭىپ تۇردى، كىمخاب كەشتە بېسىلغان كارۋانلار قۇملۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتتى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولى ئىلگىرىلا بۇ قېتىمقى سەپەردە زىيارەتكە بارغان ئىككى دۆلەت بىلەن تىنچ ئوكيانغا قوشنا بولغان جۇڭگونى زىچ باغلىغانىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوغا باغلانغان رىشتە ھۆرمەت قىلىش، ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىش بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدىكى مول باش تېما، مول نەتىجىلەر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ نەقەدەر ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنىڭ بىر تەسۋىرى ئەمەسمۇ؟

سەپىرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇقنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛

سەپىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، رايون تەشكىلاتىنىڭ يەنە يېڭى مۇساپىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى؛

سەپىرىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

ۋاقىت چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، تارىخىي يۆنىلىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ قېتىمقى سەپەرنى ئۇلۇغۋار دەۋر مەنزىرىسىگە قويۇپ تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ قىزغىن قانات يايدۇرۇلغانلىقى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلغانلىقى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيمىز.

كۈز كۈنلىرى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۇزۇن مۇساپە بېسىلدى، بۇنىڭدا جۇڭگو، شۇنداقلا دۇنيا كۆزلەندى. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى كۆزىتىلىپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى مۆلچەرلەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بارلىققا كەلتۈرگەن تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتى دەل كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ ئاتلىنىشقا مۇجەسسەملەندى.

جۇڭگو - قىرغىزىستان پەيتى: «ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ»

«بۇ مېنىڭ بۇ گۈزەل تۇپراققا 3 - قېتىم قەدەم قويۇشۇم». رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە يىللار جۇغلانمىسىدىكى چوڭقۇرلۇقنى مۇشۇنداق جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

تىيانشان ئېتىكى، چۇخې دەرياسى ۋادىسى، بۇ قەدىمىي تۇپراقتا سۇياب شەھىرى، بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئىزنالىرى ساقلانغان، شۇنداقلا جاڭ چيەن، شۈەنزاڭ قاتارلىق مەدەنىيلىك ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋە رەپىقىسى ئايروپورتقا بېرىپ، يىراقتىن كەلگەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى.

«سىزنىڭ بۇ جايغا كەلگىنىڭىز خۇددى ئائىلىڭىزگە قايتىپ كەلگىنىڭىزگە ئوخشاش.» قىزغىن ساھىبخان ئايروپورتتا كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى خاسلىقىغا تولغان بىر مەيدان قارشى ئېلىش مۇراسىمى تەييارلىدى:

قەدىمىي چالغۇ قۇمۇزنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى، ئالتۇن رەڭ بۈركۈتلەر قانىتىنى يىغىپ بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ بىلىكىدە تۇردى، ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرى پارقىراپ تۇرغان ئاتلىق مۇھاپىزەت ئەترىتى سەپ بولۇپ تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى... رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بالىلار سوۋغا قىلغان يىلپىز قورچاقنى قولىغا ئالدى.

ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغىچە، يول بويى يىراقلارغا نەزەر سېلىپ ماڭدى، يەتتە يىل ئىلگىرى ئالدىنقى قېتىمدا زىيارەتكە كەلگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى، بىشكەك شەھىرىنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. كۆۋرۈك، يول، كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسىدىن جۇڭگولۇق كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئالدىراش كۈنتەرتىپ ئىچىدە، زۇڭتۇڭ جاپاروف ئەڭ ئالىي قائىدە - يوسۇن بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولۇپ، نېمىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

يېتىپ بارغان تۇنجى كۈنى، زۇڭتۇڭ سارىيى ئىچىدە كىچىك دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقىنى زۇڭتۇڭ سارىيىغا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى؛ ئەتىسى، ئىناقلىق سارىيى مەيدانىدا ھۆرمەت توپلىرى كەينى - كەينىدىن ئېتىلدى، سۆھبەت زالىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش چوڭقۇر بولدى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

چىن قەلب بىلەن دوستلاشقانلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە «سۈرئەتنى تېزلىتىش» نامايان بولدى: 2018 - يىلى، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى؛ 2023 - يىلى، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ قېتىم، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ھەمكارلىق ساھەسى تېخىمۇ كېڭەيدى، تەدبىرلەر تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى، سۈپەت تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

زۇڭتۇڭ جاپاروف ئاپىرىن ئېيتتى: «قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەۋزەللىكى جۇڭگو بىلەن قوشنا بولغانلىقىدا» «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالتۇن مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا». رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلغان <ئالتۇن مەزگىل>نى كۈتۈۋالدى».

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، يەنە بىر ھۆججەت ئوخشاشلا تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: «جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولىدۇ. بىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز شۇكى ئۇزاق مەزگىل ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇ قېتىمقى سەپەردە، جۇڭگو - قىرغىزىستان مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى رەسمىي ئىمزالىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق داۋالغۇش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقىدىن، كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

زۇڭتۇڭ جاپاروف بۇ تەدبىرنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئاچىدۇ» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «قەدىرلىك ئاكا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشى، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى.»

ئەمدىلا پۈتۈلگەن جۇڭگو - قىرغىزىستان ھەمكارلىق ھېكايىسى ھازىرقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشنى ئەڭ يېڭى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.

34 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خۇددى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە ئوخشايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، «دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە، يەنە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ»، ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، سەمىمىيىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى ئەينەك قىلىندى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تۇتاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى دەل ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشلاندى. «چوڭ سىزما»دىن «نەپىس سىزما»غىچە، بىپايان قۇملۇقتا ئاي - يۇلتۇزلار چىمىرلاپ تۇرغان، دالىلاردا تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناپ، يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن دەۋر مەنزىرىسى نامايان بولدى.

جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىغا نۇرغۇن ئارزۇ مۇجەسسەملەنگەن! ئېگىز تاغ جىلغىلار، كۆۋرۈك - تونېللار، قېزىش ماشىنىلىرى - توشۇش ئاپتوموبىللىرى... رايون خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدى يۈكلەنگەن بۇ «قاتناش چوڭ تومۇرى» «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى «يېڭى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى».

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ «چوڭ ئىش»نى قايتا - قايتا تىلغا ئالدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇش» كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پورتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈزۈم، ئۆلچەم، قائىدە قاتارلىق جەھەتلەردىكى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

زۇڭتۇڭ جاپاروف ئىلگىرى ئوبرازلىق قىلىپ: جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى. سۆھبەتتە، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، بۇ تۆمۈريولنىڭ يېڭى دەۋردىكى «پولات - تۆمۈر يىپەك يولى» ۋە قىرغىزىستان - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋاسىتىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.» بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ قەدىمكى سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قانداق بىللە ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2025 - يىلى 4 - ئايدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئەتراپ − چىش بىلەن كالپۇكقا، قول بىلەن پۇتقا ئوخشايدۇ. جۇڭگو «يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش» ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە مۇئامىلە قىلىپ، «ياخشى قوشنىلار ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز» دېگەن سۆزگە ئەمەل قىلدى.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ھەرىكەتنى سۆزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بۇلتۇردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا ئالتە قېتىم زىيارەتكە چىققاندا ھەممىسىدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى. بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش «ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى چوڭقۇر ھۆكۈم ئاساسىدا بولدى، دەۋر دولقۇنىدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشتىكى سالماقلىق، تەمكىنلىكنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى پەيتى: «جاھاننى ئىدارە قىلىشتا، ئىلگىرىلىمىسىلا چېكىنىپ كېتىدۇ»

25 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا نەزەر سالساق، دولقۇن يېرىپ ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن دەۋر مۇساپىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى «پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتكەن زور ئىش» دەپ ئاتالدى.

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىشكەك بەخت سارىيىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 - قېتىملىق يىغىنى باشلاندى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەپسىلىي نەزەر سالساق، ئىككى ۋاقىت ئارىلىقى بار.

بىرىنچى ئارىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 25 يىلنى بېسىپ ئۆتتى.

جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئالتە قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتتىن ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 27 دۆلەتكە كېڭىيىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى يېرىمغا يېقىن نوپۇس ۋە تۆتتىن بىر قىسىم ئىقتىساد ھەجىم مىقدارىنىڭ تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان بۇ مۇھىم يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۈچ «ئەڭ» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قالتىس مۇساپىسىنى بايان قىلدى:

«ئەڭ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، قەدەممۇقەدەم دۇنيادىكى يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور يېڭىچە رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى»؛

«ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى شۇكى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت <شاڭخەي روھى>»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلدى؛

«ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق تەجرىبىسى شۇكى، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتىن ئىبارەت توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ماكان بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى».

ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىكى كەڭ باغلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات يولىغا بولغان ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ يەنىلا ئەسلىي مەقسەت ۋە چىڭ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.

يەنە بىر ۋاقىت ئارىلىقى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغىنىغا بىر يىل بولدى.

مول نەتىجىلىك تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە كەلگۈسى 10 يىللىق ئىلگىرىلەش كوردىناتىنى بېكىتىپ بەردى. بۇ قېتىم، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، قەلەملەر قەغەز يۈزىدە تەڭلا يېنىك تەۋرىدى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل(2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)لىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»دە بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىقى بىشكەك خىتابنامىسى»گە كىرگۈزۈلدى؛ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى ئاساسىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

بىشكەك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو ھەرىكىتى نەتىجىلىرى تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى. 153 تۈر! ۋەزىنلىك «دەسلەپكى نەتىجىلەر» ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىگە نەزەر سالساق، ئىككى چوڭ يول باشلاش كۈچى بار.

«قوش چاقلىق قوزغىتىش»تىن تەرەققىي قىلىپ «كۆپ يولدا تەڭ ئىلگىرىلەش»كىچە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزەتتى: «ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي يۆنىلىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.»

بىرى، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

«جۇڭگو تەشەببۇسى» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان يېڭى ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئالدىن تاللاش رايونى بولۇش»؛

«دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش»؛

«ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»؛

«دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش»...

بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى يېتەكچىلىك كۈچى بولۇشقا قاراپ يۈكسىلىشىگە يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. زۇڭتۇڭ جاپاروف چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇس پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەخىرسىز خىرىس ۋە مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ».

بىرى، كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يارىتىش كۈچىنى قوشتى.

«چۈجگۈن قوناق تېرىماقچى بولغانلار ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ئىدارە قىلماقچى بولغانلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ». ئالدى تەرەپكە نەزەر سالساق، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە تۈرتكە بولدى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ.

بۇ يىللىق «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا دىققەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش قارالمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسقا پائال ئىنكاس قايتۇرۇلدى − «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك».

يىغىندا، رەئىس شى جىنپىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى:

«ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش تۈپ پىرىنسىپ»؛

«تەڭپۇڭ، تەرتىپلىك بولۇش، قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش مۇقەررەر تەلەپ»؛

«كۆپ تەرەپچىلىك، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئاچقۇچلۇق يول»؛

«ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشى».

ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى» ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەقىل - پاراسىتى» ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرىلىدى، بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگو لايىھەسى يىغىن مەيدانىدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى قوزغىدى، قايىللىققا ئېرىشتى. ساھىبخانا زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ سۆزى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول چوڭقۇرلۇققا ئىگە سۆزى ۋە مۇھىم تەكلىپىگە رەھمەت. بىز سىزنىڭ شەخسەن قوشقان تۆھپىڭىزگە ھەمدە جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش جەھەتتە جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىمىز.»

باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانسارايدا، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆرۈشۈش زالىغا كىردى.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش يەنىمۇ كۈچەيدى، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇردى، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلەندى، قەدىناس دوستلارنىڭ كۆرۈشۈشى ئىنتايىن سەمىمىي بولدى.

زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو قەتئىيلىك ھەم ئىشەنچ بىلەن دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىيسىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ مەركىزىنىڭ بىرى بولۇش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىمەكتە. سىز دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدىڭىز.»

توغرا نىشاننى تاپقاندا، جاھاندىكى كىشىلەر شۇ ياققا تەلپۈنىدۇ.

جۇڭگو - مىسىر پەيتى: «ياخشى دوست تۇتسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ»

خۇددى تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىغان بىر ۋەدىگە ئوخشاش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ مىسىر زېمىنىغا يەنە بىر قېتىم قەدەم بېسىشى شۇ جاينىڭ «نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ باققانلار جەزمەن يەنە كېلىدۇ» دېگەن قەدىمىي ماقال - تەمسىلىگە ئۇدۇل كەلدى.

لېكىن بۇ يەنە تارىخىي لوگىكىدىكى بىر خىل مۇقەررەرلىك. جۇڭگو بىلەن مىسىردىن ئىبارەت ئىزچىل «ئۆرنەك» ۋە «ئۈلگە» تىكلەپ بەرگەن بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقەررەركى يېڭى تارىخنى پۈتۈش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە قاراپ ئورتاق ئاتلىنىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كەچكى شەپەق ئۇپۇقنى قىزارتتى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قاھىرەگە يېتىپ باردى. قاھىرە مۇنارىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «جۇڭگو قىزىلى» چاقنىدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە رەپىقىسى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت كۈنتەرتىپىنىمۇ زۇڭتۇڭ سېسى ئۆزى لايىھەلىگەنىدى.

10 يىل ئىلگىرىكى زىيارەتتە بولغان مەنزىرە ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا، ئەينى چاغدا تۈزۈلگەن ئاشۇ ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانلىرى بۇرۇنلا ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو − مىسىر سۇۋەيىش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، ئافرىقىدىكى بىرىنچى ئېگىز بىنا يېقىملىق قىلىپ «يېڭى پىرامىدا» دەپ ئاتالدى، مىسىرنىڭ يېڭى چېڭزىسى جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن ئافرىقا مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ...

بۇ 10 يىل يەنە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرگەن 10 يىل بولدى. مىسىر خەلقى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا زەن قويۇپ قاراپ، بوران - چاپقۇن ئىچىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، كىمنىڭ ئىشەنچلىك سەمىمىي ھەمراھ، كىمنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ئىشەنچلىك دوست ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، سۈپىتى ئۆزگەرمەي، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلاپ قالماي، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا ئىرادىنى ساقلاپ، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان قەتئىي ئېتىقادنى نامايان قىلدى.

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاھىرە قۇياش سارىيى، يېڭى تارىخ بۇ جايدا پۈتۈلدى.

«مەن ياخشى دوستۇمنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، بۇ، بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇش.» سۆھبەت زالىدا ئورۇن ئېلىپ، زۇڭتۇڭ سېسى ئالدى بىلەن سۆز باشلىدى. ئۇ مىسىرنىڭ تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى بولغانلىق، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىق مۇساپىسىنى بىرمۇبىر تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ماھىيەتلىك ھالقىشنى ئالقىشلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن.

70 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق جانلىق يىغىنچاقلىدى: «باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش».

يىللارنىڭ تاۋلىشىدا، دوستلۇق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ نەزەرىنى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە قاراتتى: «ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك».

ھازىر، جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك رەسىمدىكى بىر پارچە ئاچقۇچلۇق رەسىم بۆلىكىگە ئوخشاش، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيە خاراكتېرى، يېتەكلەش خاراكتېرى، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

زۇڭتۇڭ سېسى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسىغا قىزغىن جاۋاب قايتۇردى. جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىغا «جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىش» دېگەن بىر جۈملە سۆز كىرگۈزۈلدى.

ئىزچىل ئىلگىرىلىدى، ئارىسىدا مىڭلىغان تاغ - دەريالار بولسىمۇ، قەتئىيلىك بىلەن بىر - بىرىگە قاراپ يېقىنلاشتى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىدە ئېيتقاندەك: «ياخشى دوست تۇتسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ».

يول − دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات قارىشى، تەرتىپ قارىشى، ئىدارە قىلىش قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەتنى بۇ قېتىمقى سەپەرگە مەركەزلەشتۈرۈشىدىكى بىر مۇھىم كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى شەرقتىكى ئىنتايىن مۇھىم چوڭ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشى بولدى.

10 يىل ئىلگىرى، يەنە قاھىرە، رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باش ئىشتابى مۇنبىرىدە تۇرۇپ، ئاشۇ تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇقنى سۆزلىگەنىدى. «ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشتە ئاچقۇچلۇقى سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك» «قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇقى تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك» «يولنى تاللاشتا ئاچقۇچلۇقى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك»، ئۈچ نۇقتىلىق بۇ تەشەببۇس «ئوتتۇرا شەرق سوئالى»غا جۇڭگو جاۋابىنى بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالغۇش كۆرۈلدى، كونا يارا ئېغىزى تېخى ساقايماي تۇرۇپلا، يېڭى ئارازلىق يەنە يامرىماقتا. تىنچلىق ئۈچۈن جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى روشەن، مەيدانى ئېنىق بولدى: «جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ.»

«ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى رامكىسى»نى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى −

«رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنى كىمگە تايىنىپ قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە جاۋاب بەردى؛

«رايوننىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكى بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش» ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنىنى يېشىشنىڭ ھالقىلىق ئاچقۇچىنى قولىغا ئالدى؛

«رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش» ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛

«رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش» ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بېكىتتى.

بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا دائىر تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم تەقدىم قىلىشى.

جۇڭگونىڭ ئىجادىي لايىھەسىگە زۇڭتۇڭ سېسى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى: «مىسىر داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايون خەۋپسىزلىكى رامكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ.»

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى بىشكەكتە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە «باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى»نى تەكىتلىگەنىدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر بەس - بەستە دىققەت قىلىپ، «تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش» «قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاش» قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى بىرمۇبىر يېشىپ چۈشەندۈردى، چىقىرىلغان يەكۈندە، جۇڭگو «جۇغراپىيەلىك شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلىمەيدىغان، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان» مۇقىملاشتۇرغۇچى، «قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان» ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى، دەپ تەرىپلەندى. دۇنيا جۇڭگونىڭ «ئېنىقلىق دىپلوماتىيەسى»نى بارغانسېرى قارشى ئالماقتا.

ئون مىڭ چاقىرىملىق مۇساپە: خەلقنىڭ ئارزۇسى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى

نېمە ئۈچۈن پەن - تېخنىكا ۋە ئۇچۇر شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچى كۈنتەرتىپى جىددىي، ئالدىراش بولۇۋاتقان شارائىتتا، يەنىلا ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بىر مەيدان يۈزتۇرا ئۇچرىشىشقا بېرىشىغا توغرا كەلدى؟

جاۋاب شۇكى، يېقىن ئولتۇرۇپ چوڭقۇر سۆھبەتلىشىدىغان ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئالاقىلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دىپلوماتىيە كامېراسى ئارقىلىق، دۇنياغا ئىشەنچلىك ھەمراھ ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ ۋە گۈللىنىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن.

«خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىش كېرەك.» بۇ، 2026 - يىلى باش كۈز مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە دۇنياغا قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرات.

بىرنەچچە تەپسىلات كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

بىرى، پۇرسەت تىزىملىكىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلەر.

ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو پۇرسىتى يەنە دۇنيانىڭ پۇرسىتى. ئەنئەنىۋى سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ساھەلەر ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

زۇڭتۇڭ جاپاروف خۇشاللىق بىلەن يېقىندا رەسمىي ئەزا بولغان دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا توختالدى، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «بۇ تەشكىلات سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە قۇرۇلغان، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مۇنداق تەكلىپ بەردى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك.»

جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىمزالىغان ئەڭ يېڭى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەل بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.

بۇ يىللاردا، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يارقىن نەتىجە قەغىزى دۇنيانى قايتا - قايتا ھەيران قالدۇردى. دەۋر دولقۇنىنىڭ ئالدىدا مەزمۇت تۇرغان جۇڭگو بوران - چاپقۇندا مۇستەھكەم ئىرادىنى تاۋلاپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ سەپەرداشقا ئېرىشتى.

بىرى، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يېڭى نۇقتىسى.

ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، بۇ، دەۋر چاقىرىۋاتقان مەدەنىيلىك قارىشى.

بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە «مەدەنىيلىك ئابىدىسى» دەپ تەرىپلەنگەن مىسىر چوڭ مۇزېيى ئاخىرقى بېكەت بولدى. 2000 - يىلىنى ئەسلىسەك، فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرگەن نىل دەرياسى بويىغا بېرىپ يوشۇرۇن سىرلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى. 10 يىل ئىلگىرىكى لۇكسوردا يۇلتۇز نۇرى مىڭ يىللىق ئىبادەتخانىغا چۈشۈپ تۇراتتى، كارىدور تۈۋرۈكلىرى ئارىسىدا ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ سۆھبىتىدىن بارلىققا كەلگەن ئەكس سادا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

مىسىر چوڭ مۇزېيىغا كىرگەندە، رامېسىس − 2نىڭ زور ھەيكىلى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. لىفىت بىلەن يۇقىرىغا چىققاندا تاش ئويما ھەيكەللەر، ئويما يېزىقلىق تۈۋرۈك تاشلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇچلۇق تورۇسلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، خۇددى سۇلالىلەرنىڭ بىر تارىخىي داستانىغا ئوخشايتتى. لىفىتنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان پىرامىدا توپى خۇددى ئەينەك تامغا نەقىشلەنگەندەك كۆرۈنەتتى. زامانىۋى لايىھە بىلەن مىڭ يىللىق قەدىمىي يادىكارلىق ئىزنالىرى نىل دەرياسى بويىدىكى جۇلالىق ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ زەن سېلىپ كۆردى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىدا، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ سۆھبىتى. ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلاندى، بۇ نەقەدەر ھەيۋەتلىك مەنزىرە − ھە.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ھەممىلا يېرىدىنمۇ مەدەنىيلىك ئىزنالىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تارىخى مۇزېيىدا، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتكەن مەدەنىيلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى؛ بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى جورىلىرىنىڭ كوللېكتىپ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قىرغىزىستان مىللەت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈستىدە ئويلاندى؛ قاھىرەدە كىچىك تىپتىكى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دەۋر ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھېس قىلدى...

تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ئارقىلىق كۆزەتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ غەرب مەدەنىيلىكىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان مەدەنىيلىك يېڭى ھالىتى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلغان ھەربىر مۇساپىدە 5000 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن مول ئوزۇق قوبۇل قىلماقتا، شۇنداقلا ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.

خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا مەدەنىيلىك ئاساسىي رېڭى بار.

ئون مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە شىزاڭدىكى جىلۇڭ ئاپەت رايونىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىگە پۈكتى. كۆپلىگەن چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى سەمىمىي ھال سورىدى، رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ھەم ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ، يەنە نېپالنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ماكاننى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچى بار.

سۆھبەتتە، زۇڭتۇڭ جاپاروف كۆڭلىدىكىنى بىۋاسىتە ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىلمەن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ <مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن> دېگەن ھېسسىياتىنى ئۆگىنىشنى خالايمەن.» بۇ قايىللىق بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىنىڭ دەۋر ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىشتا مەدەنىيلىك ئىچكى قۇرۇلمىسى بار.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس بۇ قېتىمقى سەپەردە يەنە بىر قېتىم كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىلەن تۈزۈم جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان، تەرەققىيات باسقۇچى تامامەن پەرقلىنىدىغان دۆلەتلەر بەس - بەستە «قۇۋۋەتلەش» ۋە «قاتنىشىش»نى تاللىدى. بۇ تاللاش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى دەۋر ئېقىمىغا بولغان ئېنىق ھۆكۈمنى ئاساس قىلغان.

«خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى»دىن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا نەزەر سالساق، «بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش»تىن دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا نەزەر سالساق، «ئىناق ئۆتۈش، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش»تىن دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا نەزەر سالساق، «دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش»تىن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پۈتۈن دۇنيا قارىشىغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇلدى، شۇنداقلا ماركسىزملىق دۇنيا تارىخى نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى ئىدىيە نۇرىنى چاقناتتى.

قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى قەلبكە پۈكتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدى، يول يىراق بولسىمۇ قەتئىي بوشاشماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ؛ ئىرادىدىن قايتمايدۇ، جاپا - مۇشەققەتلىك بولسىمۇ مەنزىلگە جەزمەن يېتىپ بارىدۇ.» جۇڭگونىڭ دۇنياغا بېغىشلىغىنى كۆز ئالدىدىكى بوران - چاپقۇندىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ئېنىقلىق كۈچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئېتىقاد ۋە ئۈمىد.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.