شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «شياۋلابا» پىروگراممىسى ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى
دەۋر تەرەققىيات تومۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك
تەبرىك خەت
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «شياۋلابا» پىروگراممىسى ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن!
70 يىلدىن بۇيان، «شياۋلابا» پىروگراممىسى «بالىلارغا ياخشى ھېكايە سۆزلەپ بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەر ۋە كەڭ ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋر تەرەققىيات تومۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى تارقىتىدىغان، بالىلار ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «شياۋلابا» پىروگراممىسى ئاڭلىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، «شياۋلابا» پىروگراممىسى «بالىلارغا ياخشى ھېكايە سۆزلەپ بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەر ۋە كەڭ ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋر تەرەققىيات تومۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى تارقىتىدىغان، بالىلار ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
«شياۋلابا» پىروگراممىسى 1956 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاڭلىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگودىكى مەخسۇس ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان تۇنجى رادىيو پىروگراممىسى، نۆۋەتتە، رادىيو، تېلېۋىزىيە، يېڭى تاراتقۇ ۋە مەكتەپ رادىيو پونكىتى قاتارلىقلار يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان داڭلىق پىروگراممىغا ئايلاندى.






