□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ مېڭشۆ، شاۋ يىبو، ياۋ بىڭ
قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا مىسىر چوڭ مۇزېيى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى ۋە رەپىقىسى يىتىسارنىڭ ھەمراھلىقىدا مىسىر چوڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. گىسا ئېگىزلىكىدە، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پىرامىدا توپى بىلەن ھەيۋەتلىك مىسىر چوڭ مۇزېيى يىراقتىن بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ كامېراسى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى −
ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى پىرامىدا توپىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئەينەك تام ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بۇلتۇر 11 - ئايدا، مىسىر چوڭ مۇزېيى ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسىغا خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. ئارىدىن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ مۇزېيغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ۋە دۇنيا مىراسلىرى چوڭ دۆلىتى، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك زامان - ماكان ھالقىپ، سىجىل قوش يۆنىلىشلىك ئاتلاندى» «ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك».
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنى قەدىرلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن؛ جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنىڭ مۇھىم قىممىتىگە بولغان چوڭقۇر ھۆكۈمىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر.
مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تارىختىن بۇيان جۇڭگو - مىسىر ئىككى دۆلەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ كەلدى.
«جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ۋە چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى تەقدىم قىلغان» «جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ كەلدى»... مىسىردا زىيارەتتە بولغان پەيتتە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان «ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ»نىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.
10 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - مىسىر مەدەنىيەت يىلى باشلاندى، قەدىمىي شەھەر لۇكسوردا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن تارىخىي ئىمارەتلەر توپى ئىچىدە يانمۇيان مېڭىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، قىزىقىش ئىچىدە كۆپ قېتىم قەدىمىنى توختاتتى. 10 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم سەمىمىي، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىدا بەلگە خاراكتېرلىك دەقىقىلەرنى قالدۇردى، بۇ، «ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك زامان - ماكان ھالقىپ، سىجىل قوش يۆنىلىشلىك ئاتلانغان» جانلىق تەسۋىرگە ئايلاندى.
مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىي قىلىدۇ.
«مەن زىيارەتكە بارغانلىكى جايلاردا ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەت خەلقى ياراتقان مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن تولىمۇ زوقلاندىم» «ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان ئوچۇق، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئۆگەندىم ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلدىم». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزى دۇنيانى قايتا - قايتا تەسىرلەندۈردى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو - مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مىسىرنىڭ ئالىي مەدەنىيەت سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىك قارىشى − باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى نامايان قىلدى.
دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پائال قوغداپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولغاندا، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
مىسىر چوڭ مۇزېيى قاتارلىقلارنىڭ زور تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى «داكا» قىلىشقا جەلپ قىلىشىدىن شاڭخەي مۇزېيىدىكى «قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى چوڭ كۆرگەزمىسى»نىڭ كىرىش بېلىتى قىس بولۇشقىچە؛ جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى مىسىردىكى 40 نەچچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ماكانلىشىشتىن جۇڭگو - مىسىر بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ مەدەنىيلىك سۆھبىتى يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىگىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۈنسېرى جۇڭگو - مىسىر خەلقىنىڭ دوستلۇقىدىكى چوڭقۇر رىشتىگە ئايلاندى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ بىلدۈردى، بۇ، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يېڭى كۆرسەتمە بەردى.
مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىي سۆھبەتلىشىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئورتاق قوغداپ، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان دەۋر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ باققانلار چوقۇم يەنە قايتا كېلىدۇ.» ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ مىسىردا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مىسىرنىڭ بۇ ماقال - تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نىل دەرياسى ئوزۇقلاندۇرغان بۇ مۇنبەت تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى.
جۇڭگو - مىسىر ئىككى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ئاسىيا - ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ قارشىلىشىش لوگىكىسىدىن تامامەن ھالقىپ چىقىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «بىز ئۆز گۈزەللىكلىرىمىزدىن زوقلىنىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك». جۇڭگو بىلەن مىسىر قول تۇتۇشۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، مۇقەررەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)






