− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەم قىرغىزىستان، مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن قىرغىزىستانغا بېرىپ، 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قىرغىزىستان، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، دىققەت تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەشەببۇس قىلىندى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم رېئال ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بەش كۈندۈز، تۆت كېچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ 20 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا تۈرتكە بولدى، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۇختا قەدەم بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى، دوستلۇق توغرىسىدا سەمىمىي پاراڭلاشتى، زىيارەتتە يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇلار يۈكسەك دىققەت قىلدى، ئۇلار: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئارازلىق چوڭقۇرلىشىۋاتقان، خەلقئارا تەرتىپ زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسىغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيانى جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىدى. جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھ ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
بىرىنچى، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 25 يىل ئىلگىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا قۇرۇلۇپ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېپيېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچتى. 25 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئالتە قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتتىن ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 27 دۆلەتكە كېڭىيىپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان رايون ھەمكارلىق يولىنى تېپىپ چىقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى يېرىمغا يېقىن نوپۇس ۋە تۆتتىن بىر قىسىم ئىقتىساد ھەجىم مىقدارىنىڭ تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ دۆلەتلەر ئارا، قوشنا دۆلەتلەر ئارا، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىشكەك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۈچ «ئەڭ» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ، مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، دۇنيادىكى ئەزا دۆلەت يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان يېڭىچە رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى؛ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى شۇكى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نى يېتىلدۈردى؛ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق تەجرىبىسى شۇكى، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتىن ئىبارەت توغرا بولغان بىللە ياشاش يولىنى تېپىپ چىقتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش ئىستىقبالىنى يارىتىش؛ خەۋپسىزلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر مۇھىت يارىتىش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇلىنى پۇختىلاش؛ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. بۇ مۇھىم بايانلارغا جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى يۈكلەنگەن بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش كۈچى، مېخانىزم يارىتىش كۈچى، ھەمكارلىق تۈرتكە بولۇش كۈچىنى نامايان قىلدى.
بۇلتۇر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدىكى تەنتەنىلىك كۆرۈنۈش ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى خەيخې دەرياسى ساھىلىدا جەم بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردىكى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى ھازىر تېز ئەمەلىيلەشمەكتە، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېشىل كەسىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە، ئالىي مائارىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش قاتارلىق سەككىز ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى پىلانى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، 100 «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىدە تۈر تۇرغۇزۇلدى، ۋەزىنلىك «دەسلەپكى نەتىجىلەر» ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پورت ئىقتىسادى ھەمكارلىق مەركىزى، ئاساس مائارىپ ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بىرلىكتە 100 پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئەمەلىي تەشەببۇسلارنى جاكارلاپ، داۋاملىق تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۈچ قوشتى، رايون ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشتى. باشلىقلار يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەنگەن «بىشكەك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە تەشكىلات قۇرۇلۇشى قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ھەمكارلىق ھۆججىتى ماقۇللاندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلان قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا، تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشماقتا، يۈرۈشۈشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولماقتا، ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.
رەئىس شى جىنپىڭ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى. بۇ يىل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش» قىلىپ لايىھەلىنىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى بىلەن كۈچلۈك ماسلىشىشنى شەكىللەندۈردى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا تەشەببۇس قىلىنغان يۆنىلىش دەل باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. رەئىس شى جىنپىڭ بىز قانداق كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ئېھتىياجلىق دېگەننى چۆرىدەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈپ پىرىنسىپ، مۇقەررەر تەلەپ، ئاچقۇچلۇق يول، تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەمدىن، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى» ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەقىل - پاراسىتى» ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئىنكاسىنى قوزغىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە قوشۇلدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىتتىپاق تۈزۈش، قارشىلىشىش، بېكىنمىچىلىك قىلىش، باشقىلارنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت كونا يولدا ماڭماي، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلەپ، كۈنسېرى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى رايون تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ئۈچۈن بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. 25 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسى پارلاق. جۇڭگو «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئەزالىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، «شاڭخەي روھى» ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدۇ.
ئىككىنچى، يىپەك يولىدىكى دوستلۇق مېھرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇقنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش
ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ياخشى قوشنا، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى ھەمراھ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ياخشى دوست. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى.
قىرغىزىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، قىزغىن ئىنتىزار بولدى، زۇڭتۇڭ جاپاروف رەپىقىسى بىلەن بىللە ئايروپورتقا بېرىپ قارشى ئېلىپ، داغدۇغىلىق مېھمان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، قىرغىزىستان ياش - ئۆسمۈرلىرى جۇڭگو تىلىدا ناخشا ئېيتتى، نەق مەيدان كەيپىياتى سەمىمىي، قىزغىن بولدى. يېتىپ بارغان كۈنى كەچتە، زۇڭتۇڭ جاپاروف ۋە رەپىقىسى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى زۇڭتۇڭ سارىيىدا كىچىك دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بۇ، زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقىنى زۇڭتۇڭ سارىيىغا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى بولۇپ، ئەڭ ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋېلىشتىكى ئەڭ ئالىي قائىدە - يوسۇن ھېسابلىنىدۇ، زۇڭتۇڭ جاپاروف ۋە رەپىقىسىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئورتاق ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇردى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن، ئۆزئارا قوللاشتا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئاچتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى دەل قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 35 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروفنى ۋە قىرغىزىستان خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي تۈردە قىرغىزىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقى، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقى، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى خالايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشى، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەربىر ئاچقۇچلۇق پەيتتە خالىس مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىلمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىنى، بولۇپمۇ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن داھىي ھېسسىياتىنى ئۆگىنىشنى خالايمەن.
جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە قوشنا، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، تاموژنا، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە 30دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سودا - سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىقلار بويىچە ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدىن ئىبارەت رايون خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدى يۈكلەنگەن بۇ «قاتناش چوڭ تومۇرى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز تۈردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. ئىككى تەرەپ يەنە خادىملار ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىدۇ.
يېقىندا، قىرغىزىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تارىخىي خاراكتېرلىك بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، بۇ مۇھىم ئىدىيە، تەشەببۇس ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇقىم بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشىغا پايدىلىق، دەپ قارىدى، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش − دۆلەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى». رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش ئېتىقادىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى جانلىق ئىزاھلىدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى قوللانما قىلىپ، ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىجىل تۈردە كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، تاغ - دەريالار يىراقتىن ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئوي - خىيالى بىردەك بولۇپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ، باشتىن - ئاخىر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى. 70 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن مىسىر رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، سۈپىتى ئۆزگەرمەي، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلاپ قالماي، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ مىسىردا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. زۇڭتۇڭ سېسى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زىيارەت كۈنتەرتىپىنى ئۆزى لايىھەلەپ، رەپىقىسى بىلەن ئايروپورتتا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قويۇق مىسىر خاسلىقىغا ئىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يېتىپ بارغان كۈنى، قاھىرە مۇنارىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «جۇڭگو قىزىلى» چاقناپ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى جۇلالاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپ دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىل جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان قالتىس مۇساپىسىنى ئەسلەپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇش، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىللە ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ گۈللىنىش يولىدا بىر - بىرىنى قوللاپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق يولى، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى روناق تاپتۇرىدىغان تەرەققىيات، گۈللىنىش يولى ئىككى دۆلەتنى زىچ باغلىدى. ئىككى تەرەپ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى بېكىتتى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشقا ۋەدە بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك، تايىنىشقا بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسى ئادەمنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلققە مەسئۇل بولۇشنى تەكىتلىدى، ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇپىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو - مىسىر كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا قوشۇلدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن زۇڭتۇڭ سېسى ئوتتۇرىغا قويغان «2030 - يىل ئارزۇسى» يۈكسەك ماس كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو ئۇدا 14 يىل مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، مىسىرنىڭ يېڭى چېڭزىسى جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن ئافرىقا مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىسىرنىڭ ئەرەب دۇنياسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى»نى بەرپا قىلىش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مائارىپ - تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە 30دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، يەنە ئۆلچەملىك پۇلنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مىسىر چوڭ مۇزېيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىشى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ جانلىق تەسۋىرى. خۇاڭخې دەرياسى بىلەن نىل دەرياسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلتۇر مىسىر چوڭ مۇزېيى ئېچىلىش پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىم، زۇڭتۇڭ سېسى ۋە رەپىقىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى مىسىرنىڭ بۇ ئالىي مەدەنىيەت سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو - مىسىر مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدا بەلگە خاراكتېرلىك تارىخىي پەيتلەرنى قالدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ سۆھبىتى. ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش - بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچىنى توپلىشى كېرەك.
ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: چىن قەلب بىلەن دوستلاشقانلارنىڭلا دوستلۇقى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى مىسىردا قىلغان تارىخىي زىيارىتى ھەم بىر قېتىملىق دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش سەپىرى، ھەم بىر قېتىملىق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش سەپىرى بولۇپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرى، يېتەكلەش خاراكتېرى، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن مىسىردىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئاسىيا - ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ قارشىلىشىش لوگىكىسىدىن تامامەن ھالقىپ چىقىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
تۆتىنچى، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كۈچىيىۋاتىدۇ، غەززەدە ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلدىدى، ئامېرىكا - ئىسرائىلىيە - ئىران ئۇرۇشى قايتا باشلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكىرىسىدىن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغىچە بولغان بۇ سەپەردىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەسىرات شۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو لايىھەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگونىڭ قالايمىقانچىلىق داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىنچلىق ئۈچۈن پوزىتسىيە بىلدۈردى، ھەققانىيەت ئۈچۈن ۋاكالىتەن سۆزلىدى.
زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى رامكىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەر مەنپەئىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇنۇش پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ رايون سىرتىدىكى چوڭ دۆلەتلەر قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا دائىر تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەقدىم قىلغان جۇڭگو لايىھەسى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم سىياسەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مۇنداق قارىدى: جۇڭگو جۇغراپىيەلىك شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلىمىدى، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمىدى، بەلكى رايوندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىياتقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىدىكى قىيىن ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشنى ئەسقاتىدىغان يول بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساسىي رەڭ قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇش؛ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى يول قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىپ، ھەق - ناھەق، توغرا - خاتانى ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق، جۇغراپىيەلىك سىياسىيغا ئارىلىشىپ قالماسلىق؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى نىشان قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۈچەپ پەسەيتىش، ھەم مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. زىددىيەتنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ، توقۇنۇشنىڭ قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر قەتئىي ھالدا تىنچلىق تەرەپتە تۇرىدۇ، سۆھبەتلىشىش تەرەپتە تۇرىدۇ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى ھەم ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق ھالدا دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچلەردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ. جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەت. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ كۈرىلسۇخې سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رەپىقىلەر دىپلوماتىيەسى بۇ زىيارەتكە ئىللىقلىققا تولغان ئۆزگىچە جەلپكارلىق قوشتى. پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ كۆپ مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ رەپىقىسى، زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ رەپىقىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇردى.
ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەت بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئورتاق تونۇش ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەم جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جانلىق ئىزاھلاندى. پارلاق، داغدام ھەققانىيەت يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ماڭىمىز. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.






