تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

2026-يىللىق شىنجاڭ نېفىت ھەم خىمىيە سانائىتى، سانائەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر شاڭخەيدىكى بىر كارخانىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا گاز تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئۇقۇشماقتا.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 2026-يىللىق شىنجاڭ نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى، سانائەت كۆرگەزمىسى ھەم 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى تەرەققىيات يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان جياڭسۇلۇق بىر سودىگەر كۆرۈرمەنلەرگە تۇرۇبا يولى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

    بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 500گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى نېفىت-تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى، كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش جابدۇقلىرى، ئاقىل خىمىيە سانائىتى رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك مەھسۇلاتلارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى تەمىنلەش-ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنغان.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر بىر مېتانول گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن خېرىدارلار كېڭەشمەكتە.

    پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ نېفىت خىمىيە كەسپى تەرەققىيات يىغىنى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۇدۇللاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق، ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشى چۆرىدىلىپ مۇھاكىمە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇنۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.