تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

9-ئايدا چوقۇم يېيىشكە تېگىشلىك كۆكتات!

   9-ئاي رەسمىي يېتىپ كەلدى، كۆكتات بازىرىدا يازدىكى نۇرغۇن پەسىللىك كۆكتات بازاردىن تەدرىجىي چېكىندى، لېكىن بىر خىل يېمەكلىك ماتېرىيالى كۆپلەپ بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ−خۇڭشۇ! 

   بىز خۇڭشۇنى دائىم يەيمىز، لېكىن سىلەر خۇڭشۇنىڭ يوپۇرمىقىنى يەپ باققانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، خۇڭشۇنىڭ يوپۇرمىقىنى يېگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە!

كىچىككىنە يوپۇرماقنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ

   1. خىلىت پەيدا قىلىپ، ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، قۇۋۋەت ۋە كۈچ تولۇقلايدۇ

  جۇڭيى تېبابىتىدە قارىلىشىچە، خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل ھەم سوغۇققا مايىل بولۇپ، خىلىت پەيدا قىلىپ ھۆللۈك يەتكۈزۈش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۈچەينى بوشىتىش، قان قۇۋۋەتلەش ۋە قان توختىتىش، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇۋۋەت ۋە كۈچ تولۇقلاش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

   ياشانغانلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى راۋان بولمىسا، خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى قورۇپ يېسە بولىدۇ؛ ئۇزاق ۋاقىت كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇپ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە، خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، قاندا ماي كۆپىيىش كېسىلى، كۆز كېسىلى، قان ئازلىق، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

   2. ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، بەدەنگە پايدىلىق

  خۇڭشۇ يوپۇرمىقىدا بىر خىل ئالاھىدە يېپىشقاق ئاقسىل بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ مىقدارى بوسەي، چىڭسەي، سەۋزە، خاڭگا قاتارلىقلاردىن يۇقىرى، بولۇپمۇ تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەتتىكى سەۋزىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى، يېڭى قوناق، يۈتوۋ قاتارلىقلاردىن 600 ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى.

   خۇڭشۇ يوپۇرمىقىدا ھەر خىل ۋىتامىن مول بولۇپ قالماي، مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ھاجەت ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قان پىلاستىنكىلىرىنى ئۆرلىتىش، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زەھەرنى قايتۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، تۈن قارىغۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

   خەلق ئارىسىدا خۇڭشۇ يوپۇرمىقى «كۆكتات خانىشى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، يەنە «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغان كۆكتات» ۋە «راكقا قارشى تۇرىدىغان كۆكتات» دەپمۇ ئاتالغان.

 خۇڭشۇنىڭ يوپۇرمىقى ياپيېشىل، يۇمران بولۇپ، يۇمران يوپۇرماق، يۇمران غوللارنى ئۈزۈپ يۇيغاندىن كېيىن نۇرغۇن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى يېيىشتىكى بىر نەچچە ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز، قىزىقىدىغان دوستلار سىناپ ئېتىپ باقساڭلار بولىدۇ.

    يۇمران يوپۇرماقنىڭ ئۈچىنى ئۈزۈپ سوغۇق سەي تەييارلاش

   ئالدى بىلەن خۇڭشۇنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈپ قايناق سۇغا چىلىغاندىن كېيىن سۈيىنى قۇرۇتۇپ تەخسىگە سالىمىز؛ ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ كاۋاۋىچىن دانچىسى، قۇرۇق لازا سېلىپ ئازراق قورۇپ، ئوتنى تېز ئۆچۈرۈپ، يۇمران يوپۇرماق ئۈستىگە قۇيۇپ، ئۈستىگە شېڭچوۋ، زەنجىۋىل شەربىتى، گۈرۈچ ئاچچىقسۇ، شياڭيوۋ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.

   گۆشسىز قورۇلغان خۇڭشۇ يوپۇرمىقى

   ئىسسىق قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ، قىزىغاندىن كېيىن سامساق ياپراقچىسىنى قازانغا سېلىپ مەززىلىك پۇراق چىقىرىپ قورۇۋالىمىز؛ ئاندىن ئوتنى چوڭ ئېچىپ، پاكىز يۇيۇلغان خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى سېلىپ قورۇپ، خۇڭشۇ يوپۇرمىقى ئېزىلىپ پىشقاندىن كېيىن، تۇز، شېڭچوۋ سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.

   دۈملەپ پىشۇرۇلغان سەي كۇمىلىچى

   خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۈيىنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا ئېچىتقۇ ۋە سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىتىمىز، سۈيىنى چىقىرىۋەتكەن خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىككىنچى قېتىم ئېچىتىمىز. ئاندىن نەچچە كىچىك كۇمىلاچ ياساپ، كورىغا سېلىپ، 20 مىنۇت دۈملەپ ئاندىن تەخسىگە ئالساقلا بولىدۇ.

   خۇڭشۇ يوپۇرمىقى ئۇمىچى

   تېرىقتا ئۇماچ قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرمەي، پاكىز يۇيۇلغان خۇڭشۇ يوپۇرمىقىنى ئۇششاق توغراپ قازانغا سېلىپ، ئازراق ئاش تۇزى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم قايناتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

«中国妇女» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.