تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى | 36 تال مېدالنىڭ كەينىدە تاختا ئاياغ ئەزىمەتلىرىنىڭ بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاختا ئاياغدا تېز مېڭىش (مۇسابىقە) تۈرى قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا باشلاندى. 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى تاختا ئاياغ بىلەن تېش مېڭىش تۈرىدە جەمئىي 36 مېدالغا ئېرىشتى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرىدە مۇسابىقىلەشمەكتە.

   بۇ قېتىمقى تاختا ئاياغ مۇسابىقىسىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 20 كوماندىدىن 137 تەنھەرىكەتچى بىر سەھنىدە مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە 60 مېتىر، 100 مېتىر، 100×2 مېتىرلىق ئەر-ئاياللار كۈچ ئۇلاش، 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش قاتارلىق كۆپ خىل كىچىك مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىندى. مۇسابىقىدە ئۈچ كىشىلىك ئۆلچەملىك تاختا ئاياغ ئىشلىتىلدى، ئۈچ تەنھەرىكەتچى ئىككى پۇتى بىلەن تاختا ئاياغنى پۇتىغا سېلىپ ماس قەدەمدە دەسسەيدۇ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۈكسەك دەرىجىدە ماسلىشىپ ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر تاختا ئاياغ بىلەن بىرلىكتە ئاخىرقى پەللە سىزىقىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن مۇسابىقىنى ئۈنۈملۈك تاماملىغان بولىدۇ.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى (ئەرلەر) مۇسابىقە مەيدانىدا مەشىق قىلماقتا.

   مۇسابىقە مەيدانىدا، كوماندا ئەزالىرى بىرلىكتە رەتلىك شوئار توۋلاپ، تەڭ قەدەم ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. تەنھەرىكەتچى شەھىدە ئەبەيدۇللا مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئادەتتە كۆپچىلىك ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلىمىز، بىر ھەپتىدە بىر جۈپ تاختا ئاياغنى بۇزۇپ بولۇش ئادەتتىكى ئىش. بىز 60 مېتىر، 100 مېتىر، 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرىگە قاتنىشىپ، ھەممىمىز چېمپىيونلۇق مېدالىغا ئېرىشتۇق».

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى چياڭ شىنلى ئەزالارغا مەدەت بەردى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقە تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.