تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

لاۋتيەنگە ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش | فېڭخۇاڭخۇ كۆلىدە زۇمرەتتەك دولقۇن بىلەن قىزىل قىيا تاش بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشتى

  بۇ ساندا، تيەن گوجيەن مۇئەللىم بىلەن بىللە ماناس ناھىيەسىدىكى فېڭخۇاڭخۇ كۆلىگە بارىمىز.

  ماناس ناھىيەسى تاسىرقاي يېزىسىدىكى فېڭخۇاڭخۇ كۆلى S101 لىنىيەسىدىكى بەيلى دەنشيا مەنزىرە يولىغا يېقىن بولۇپ، «شىنجاڭدىكى كىچىك سەنشيا» ۋە «غەربىي بوغدا كۆلى» دېگەن گۈزەل نامى بار. كۆل رايونىنى يۇرا دەۋرىدىكى قىزىل دەنشيا تاغلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، كۆل سۈيى ياپيېشىل رەڭدە بولۇپ، قىرغاققا تاغ تېرەكلىرى، چاتقاللار تارقالغان، قارلىق تاغ، قىزىل قىيا كۆل يۈزى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ، تاغ بىلەن سۇلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. ياز، كۈزدىكى قارا يامغۇردىن كېيىن، تاغ باغرىدىكى قىزىل قىيا گەۋدىسىنى يامغۇر سۈيى يالاپ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك لاي-لاتقىلار تاغ جىلغىسىنى بويلاپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ، قىزىل سۇ ئېقىنى ياپيېشىل كۆل يۈزى بىلەن قوشۇلۇپ، سۇ يۈزى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك.

  

«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.