—— «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
قەدىمكىلەردە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئايلىنىشىدا قانۇنىيەت بولىدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىدە تەرتىپ بولىدۇ، دېگەن سۆز بار. دۆلەت تارىخقا تايىنىپ ئاساس تىكلەيدۇ، مىللەت مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم تاراتقۇ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم، نوپۇزلۇق ئىككى ئەسەرنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
بۇ، يېڭى دەۋردە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»تا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجە، شۇنداقلا مەۋقە تارىخىي پاكىتقا قويۇلۇپ، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلايدىغان بىر مەيدان ئىدىيەۋى كاتتا مەرىكە. بۇ ئىككى ئەسەردە قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، پۇختا تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق تونۇش جەھەتتىكى خاتا قاراشلار تۈزىتىلگەن، ئېھتىياتچان ئىلمىي قائىدە ئارقىلىق ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.
تارىخنى ئاساس قىلىپ، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش
نېپىز تارىخىي كىتابنىڭ ھەجمى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى. كىمخاب قەدىمىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى. ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا تىيانشان بىلەن «بەش يۇلتۇز چىقىپ شەرقتىن، ئامەت كەلدى جۇڭگوغا» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن ئوبرازى ھەيۋەتلىك نامايان بولۇپ تۇراتتى، بۇ يەنە «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» ناملىق كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ يادرولۇق لايىھەسى.
تارىخىي مەسىلە مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسى، ئوخشاش بولمىغان قاراش ۋە ئوخشاش بولمىغان چۈشەندۈرۈش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، مەدەنىيەتتىكى پەرقنى مۇبالىغە قىلىپ، مىللەتلەر ئارازلىقى ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. مەيدانى مۇستەھكەم، تارىخىي ماتېرىياللىرى تەپسىلىي ۋە ئېنىق، لوگىكىسى پۇختا، ئىلىم ۋە دەۋر سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بىر يۈرۈش نوپۇزلۇق رەسمىي تارىخ قويۇق تۇماننى تۈگىتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ قالدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىشى ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق ئادەتتىكى كىتاب ئېلان قىلىش ئەمەس، بەلكى تارىخىي سەپسەتىلەرگە بىۋاسىتە زەربە بېرىپ، جەمئىيەت تونۇشىنى توغرىلايدىغان بىر مەيدان ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش تەدبىرى، مەۋقەنى ئۇزاق يىللىق تارىخقا قويۇپ، رېئال ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇشتىكى بىر قېتىملىق ئەسلىي ھالەتكە قايتىپ يېڭى يول ئېچىش، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە مەۋقەنى ئىشەنچلىك تارىخىي پاكىتقا قويۇپ، دۆلەت ئىچىگە يۈزلىنىپ قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى كۈچلۈك سادا ياڭرىتىش.
«بۇ ئىككى ئەسەردە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان زور مىقداردىكى دەسلەپكى تارىخىي ماتېرىياللارغا تايىنىپ، تارىخىي تومۇر قاتلاممۇقاتلام رەتلەپ چىقىلىپ، رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان ئۈچ تارىخىي ھۆكۈم ئېنىق دەلىللەندى: شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان - قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى.» جۇڭگو نەشرىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ سەيرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان توپلانغان ئوبيېكتىپ پاكىت.
قەدىمكى بىلەن ھازىرقىغا نەزەر سېلىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئالدىن ئىگىلەش
دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، تەرتىپى قېلىپلاشقان، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى تۈرىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نىڭ مەزمۇنى قاتلاممۇ قاتلام تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، لوگىكىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى زامان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىق تارىختىن بۇيانقى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان تارىخىي ماتېرىياللار، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پولاتتەك پاكىت قىلىنىپ، مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ شىنجاڭنى سىجىل باشقۇرغانلىقى، ئاچقانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
«بۇ كىتابنى تۈزۈشتە باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تارىخىي كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇلۇپ يەنىمۇ كۆزىتىلدى ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن كىتابتا ماركسىزملىق تارىخ قارىشىنى تۈپ يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى يېتىلدۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.
شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر سەپسەتە توقۇپ چىقىش، ئويدۇرۇپ چىقىشتىكى نۇقتىلىق ساھە بولۇپ كەلدى. يېڭىلا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق كىتابتا پۇختا، ئېھتىياتچان تارىخشۇناسلىق ئارقىلىق يىللارنىڭ ئەسلىي قىياپىتى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
كىتابتىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ قايتا نەزەر سالساق، بىر ئاساسىي پاكىتنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، مانى دىنى، نېستورىئان دىنى، ئىسلام دىنى، يەنە خىرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارقىلىپ، مەدەنىيلىك ئىزنالىرىنى قالدۇرغان.
«بۇ كىتابتا تارىخىي پاكىتقا تايىنىپ يادرولۇق ھۆكۈمنى ئىخچاملاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىق ئىلھام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن.» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن كىتابتا كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭدا دىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئاساسىي ئەندىزە ئىكەنلىكى، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭدا دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكى، ھاكىمىيەت باش ئورۇندا، دىن بېقىندى ئورۇندا تۇرۇش، دىن ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنۇشنىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى ئىكەنلىكى، تارىختا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئوبيېكتىپ پاكىت ئىكەنلىكى، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ تارىخىي تاللىشى ئىكەنلىكى، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە ئىكەنلىكى ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكى قاتارلىقلار سىستېمىلىق بايان قىلىندى، بۇ ئاساسىي قاراشلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى مەسىلىسىنى توغرا تونۇشىنى مۇھىم ئورتاق تونۇش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قەلبلەرنى ئۇرغۇتۇپ، روھنى تاۋلاپ كۈچنى مۇجەسسەملەش
ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىغا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە، بېيجىڭ داشۆگە، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىگە، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنىگە كىتاب ھەدىيە قىلىپ، ئىلمىي ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشى، ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ساقلىشىغا كۈچ قوشۇپ، توغرا بولغان تارىخ قارىشىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ئىككى كىتاب ھەم يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى تارىخىي ئەسلىمە ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، شۇنداقلا تارىخ تەربىيەسى ئوقۇشلۇقى، دىن تەربىيەسى ئوقۇشلۇقىغا قارىتا ۋاقتىدا تولۇقلاش ھېسابلىنىدۇ.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى ۋاڭ ياۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخ قارىشى، تارىخنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ئاساسىي مەيدان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مائارىپ - ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش رولىغا ئىگە.
«ئىككى ئەسەر جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۇل سېلىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، چوقۇم كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىدۇ» دېدى جۇڭگو كىتاب ئوبزورچىلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گو يىچياڭ.
قىسقا ھەم داغدۇغىلىق ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشتى، تارىخ كىتابلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن بۇرچ ئەمدى باشلاندى − شىنجاڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسى، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش - يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەيدۇ، يېتەكلەيدۇ.






