تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مول تارىخ ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

قەدىمكىنى ئەينەك قىلغاندا ھازىرقى رېئاللىقنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلى سىجىل پۇختىلىنىۋاتقان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان پەيتتە، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان - قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.» بۇ مۇھىم يوليورۇق بىزنى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىنى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تارىخىي كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ كۆزىتىش ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مول تارىخىي ماتېرىيال، چوڭقۇر داۋلى، پىششىق يېزىقچىلىق ئىستىلى ئارقىلىق، «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىيات، ئۆزگىرىش جانلىق بايان قىلىنغان، بۈيۈك بىرلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەنزىرە سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ» دېگەن تارىخىي لوگىكىنى يەنىمۇ ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، تارىخ بىلەن نەزەرىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىي ئومۇمىي قىياپىتى قانداق» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخىنىڭ مۇكەممەل تومۇرى نېمە» قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان - قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلاندى، بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پۇختا تارىخىي ئۇل سېلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىممەتلىك تارىخىي ئەينەك ۋە چوڭقۇر ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا يېتەكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باستى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. تارىخ شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تىنچ - خاتىرجەملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. توغرا بولغان دۆلەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ توغرا بولغان تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن شانلىق جۇڭگو تارىخىدىن پەخىرلىنىش كېرەك؛ توغرا بولغان مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك؛ توغرا بولغان مەدەنىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك؛ توغرا بولغان دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تارىخنى ئەينەك قىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىلىشنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش − يېڭى تارىخ يارىتىش. بىز «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ مول تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.