تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

مول ھوسۇلغا تولغان شىنجاڭغا نەزەر | كوناشەھەر: پىستە «يېرىلىپ» مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى

ئاپتور: نۇرئەلىجان تۇرغۇن

   8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى لياۋيۈەن بازىرى شىنيۈەن كەنتىدىكى 600 مو پىستە بازىسى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. باغدا، دانىسى توق پىستىلەر بەس-بەستە يېرىلدى، دېھقان ئائىلىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈش، پوستىنى سويۇش، ئاپتاپقا سېلىشنى چىڭ تۇتتى، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە پىستە ئۆستۈرۈش كۆلىمى 7300 موغا يەتتى. بۇ جاي ئەۋزەل كىلىمات شارائىتىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقارغان پىستىنىڭ دانىسى توق، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، بازاردىكى سېتىلىش يوللىرى مۇقىم بولدى، مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە، شۇ جاي ئەتراپتىكى ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەشكە ئالدىن قوبۇل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدى.

 «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.