8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ سەنتەي بازىرى سەنتەيگوۋدا قاتمۇقات تاغ تىزمىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى. تۇتاش كەتكەن شەمشادلار تاغ بويلاپ قەد كۆتۈرۈپ، بىپايان كۆك ئاسمان ئاستىدا يېشىل توسۇق ھاسىل قىلغانىدى. ئوتلاق، تاغ باغرىدا، قوي پادىلىرى بەخىرامان يايلاۋاتقان بولۇپ، ھەرىكەتچانلىق بىلەن جىمجىتلىق ماسلاشقان تاغ-دالا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى. توپ-توپ ئارغىماقلار تاغ-دالىلاردا سەيلە قىلىپ، تەرتىپسىز تاش ۋە ئوتلاقلار ئارىسىدا ئەركىن چېپىپ يۈرۈپ، جىمجىت تاغ جىلغىسىغا ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.
(ئاپتورلار: ۋېي پىڭ، ۋۇ شىنخاۋ ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: جىمسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






