تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى ئالتە كۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى دۇڭگۇي بەيگە مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى زور بولدى، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 336 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىدە جەم بولدى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، تۆگە بەيگىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇسابىقە تۈرى ۋە قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇپ خادا تېرىش قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرى تەسىس قىلىندى.
شۇ كۈندىكى ئاخىرقى مۇسابىقىدە تۇمشۇق شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسى قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىرىدا 1 قارشى 5 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى (سېرىق كىيىملىك) بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە كەسكىن مۇسابىقىلەشمەكتە.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇمشۇق شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى (سېرىق كىيىملىك) ئوغلاق تارتىشىشتا بۆسۈپ ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى (قىزىل كىيىملىك) ئوغلاق تارتىشىشتا بۆسۈپ ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار سەرخىل مۇسابىقىگە مەدەت بەرمەكتە.






