
بۇ، 2025-يىل نۇسخىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى (ماتېرىيال سۈرەت). 43-نۆۋەتلىك دۇنيا تەڭگە پۇل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى «يىللىق ئەڭ ياخشى تەڭگە پۇل» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم «ئەڭ ياخشى كېلاڭ پۇلى» يەككە تۈر مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)
مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 43-نۆۋەتلىك دۇنيا تەڭگە پۇل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى «يىللىق ئەڭ ياخشى تەڭگە پۇل» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم «ئەڭ ياخشى كېلاڭ پۇلى» يەككە تۈر مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەن.
بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان، جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باش بولۇپ ساتقان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇلى. بۇ كۈمۈش خاتىرە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە سەددىچىن سېپىلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەم دۆلەت نامى، يىل نامى بېسىلغان، ئارقا يۈزىگە جۇڭگو لۇڭىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، قوشۇمچە شياڭيۈن نەقىشلىرى بىرىكتۈرۈلۈپ لايىھەلەنگەن. بۇ كۈمۈش خاتىرە پۇلنىڭ تەركىبىدە ساپ كۈمۈش 31.104 گىرام بولۇپ، ئەڭ چوڭ تارقىتىلىش مىقدارى 2 مىليون دانە.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۇنيا تەڭگە پۇل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى دۇنيا پۇل ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولغان كەسپىي باھالاش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پۈتۈن يەر شارىدىكى نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايوندىكى پۇل ياساش ئورگانلىرىنى مۇنەۋۋەر پۇل ئەسەرلىرىنى يوللاشقا جەلپ قىلغان.
جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر، جۇڭگودا جەمئىي 14 دانە خاتىرە پۇل دۇنيا تەڭگە پۇل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك يەككە تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم جۇڭگو پۇلى «يىللىق ئەڭ ياخشى تەڭگە پۇل» ۋە «ئەڭ ياخشى كېلاڭ پۇلى» يەككە تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ قىممەتلىك مېتال خاتىرە پۇلىنى لايىھىلەش ئىقتىدارى، قۇيۇش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا پۇل ساھەسىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. (مۇخبىر ۋۇ يۈ)

بۇ، 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى (ماتېرىيال سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)

بۇ، 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى (ماتېرىيال سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)

بۇ، 2025-يىل نۇسخىسىدىكى جۇڭگو لۇڭى كۈمۈش خاتىرە پۇلى (ماتېرىيال سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






